پارتىيەنى كۈيلىدۇق (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 پارتىيەنى كۈيلىدۇق
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

كەلدى-كەتتى دېمىدۇق، ئىزدىگەندىن كەچمىدۇق،
تىلى-دىلى ئوخشىسا، چىن يۈرەكتىن گۈل سۇندۇق،
شەرمىي-ھايا ئىزدىدۇق، خىيانەتنى قىلمىدۇق،
ئاكا-ئۇكا بولۇشۇپ، مەرىپەتنى كۈيلىدۇق،
بالىلارنى چىن سۆيۈپ، ئەجىر قىلدۇق، تەر تۆكتۇق.

زادى مەنپەت دىمىدۇق، ياخشىلىقنى ئىزدىدۇق،
تىنچ ئامانلىق بەختىمىز، خاتىرجەملىك ئويلىدۇق،
بىز مۇئەللىم جەڭگىۋار، قۇرۇق گەپنى قىلمىدۇق،
ۋەتەن ئۈچۈن ئەل ئۈچۈن، بەلنى مەھكەم باغلىدۇق،
كوممۇنىزم ئىشىغا دادىل قەدەم تاشلىدۇق.

مۇنبەرلەرگە ئاتلىنىپ، بالىلارنى توۋلىدۇق،
توۋلىمىدۇق شۇئارنى، پەزىلەتنى ئويلۇدۇق،
ياخشىلارنى ياخشى دەپ، كۆزىمىزنى يۇممۇدۇق،
بىلگەنلەرنى ئايىماي، مۇنبەرلەردە سايرىدۇق،
چىدايمىزغۇ ھەممىگە، مەرىپەتنى كۈيلىدۇق.

سوتسىيالىزم يولىدا داغدام ماڭدۇق،ئازمىدۇق،
مۇقۇملۇقنى ھەر ۋاقىت چىن يۈرەكتىن كۈيلىدۇق،
ۋەتەن ئۈچۈن پىداكار بولغانلارنى قوللىدۇق،
ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ، مۇنبەرلەردە سايرىدۇق،
ئىلىم ئېرپان يولىدا، مەزمۇت ئالغا چامدىدۇق.

ئەۋلادلارغا يول ئېچىپ، خۇشال-خۇرام سايرىدۇق،
سوتسىيالىستىك قۇرلۇشقا بەلنى مەھكەم باغلىدۇق،
ئىناقلىقنى كۈيلەپ بىز، جەڭگاھلاردا جەم بولدۇق،
ئۆملۈك شوئار ياڭرىتىپ، پارتىيەنى كۈيلىدۇق،
ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا، ھەممە ئورتاق ئىزدەندۇق.

ئانا ۋەتەن ئىشقىدا، پورەكلىدۇق، ئېچىلدۇق،
گۈللەر تېزىپ بەس-بەستە، كائىناۋەتنى بىزىدۇق،
قەلبلەرنى ئىللىتىپ، مۇھەببەتنى ئۇرغۇتتۇق،
ۋەتەن ئۈچۈن تىرىشىپ، ئەجىر قىلدۇق، كەچمىدۇق،
ئۇلۇغ جۇڭخۇا ۋەتەنگە بىيىت قوشاق توقىدۇق.

ئانا ۋەتەن قوينۇڭدا خۇشال يايراپ ياشىدۇق،
مۇقۇملۇقتا چىڭ تۇرۇپ، مەزمۇت قەدەم تاشلىدۇق،
ئىلىم-پەننى ئىگەللەپ، سوتسىيالىزمنى كۈيلىدۇق،
ئاقلاش ئۈچۈن ئۈمۈدنى، دادىل ئالغا چامدىدۇق،
مۇقۇملۇقتا چىڭ تۇرۇپ، ئورنىمىزدىن دەس تۇردۇق.
      





63 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-27 3:27:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ