تىزناپ دەرياسى بويىدىكى خىيال - ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن

تىزناپ دەرياسى بويىدىكى خىيال

  ئاپتورى  ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن

يۈرىكىم خالىغاچ بىر پەس سۈكۈتنى ،
يول ئالدىم مۇڭ بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇپ .
باغرى كەڭ ئانامدەك تىزناپ دەرياسى ،
دەردىمنى ھەر مەررە كەلدىڭسەن يۇتۇپ .

مەن يەنە بۈگۈنمۇ كەلدىم يىنىڭغا ،
ئۆشنەمگە تالاي دەرت ئەلەمنى تىڭىپ .
سۆزلىسە بىقوۋۇل دىلىم شىۋىرلاپ ،
باغرىڭغا ھەسرىتىم كەتمەكتە سىڭىپ .

بەلكىم بار سىنىڭمۇ پىنھان سېرلىرىڭ ،
ھەم دەردىڭ سۈكۈتۈڭ كۆمۈلۈپ قالغان .
بار يەنە پىراقىڭ ئىزگۈ مەنزىلىڭ ،
دولقۇنلاپ يىلىنجاپ كۆزلىرىڭ تالغان .

بىر چاغلار غەم يوقتى ئەلەملەرمۇ ھەم ،
باغرىڭغا ئۆزۈمنى ئاتاتتىم تىنماي .
كەچ كىرسە نائىلاج ئىغىزىم ئۇچلاپ ،
كىيەتتىم كىيمىمنى مىھرىڭگە قانماي .

ئاي ئۆتتى يىل ئۆتتى چوڭ بولدۇم مەنمۇ ،
قەلبىمنى چىرمىدى ناتونۇش ئەلەم .
گۈل ئۈزسەم قولۇمغا سانجىلىپ تىكەن ،
ئاق قەغەز ئۈستىدە قان قۇستى قەلەم .

ھەسرىتىم ياش بولۇپ سۆيسە مەڭزىمنى،
مەن سۆيدۈم بىراۋنىڭ ناپاك ئېزىنى .
يوقاتقاچ ئادەملىك مەناسىنى ھەم ،
كەيىپنىڭ ئالدىدا پۈكتۈم تىزىمنى .

سىتىلدى دوستلۇرۇم ياۋلارغا ياتقا ،
ئەقىدەم ۋىجدانىم قىلىندى پايخان .
بىغىمغا تاپ قۇزغۇن سالغاچقا ئۇۋا ،
ئەسلىمنى ۋەسلىمنى ئەيلىدى ۋەيران .

شۇ يولدا تىنىم ھەم دىلىم بۇلغاندى ،
تۇپراقمۇ لەنەتلەر ئوقۇدى ماڭا .
ئېزىمدىن شۇمبۇيا تىكەن ئۈنۈپتۇ ،
ئۇھ تارتىپ ھەسرەتتە باقسام ئارقىغا .

باغرىڭغا ئاھ تىزناپ ئۆزۈمنى ئاتسام ،
بىلىمەن ئۆلۈمنى قىلمايسەن سوۋغا .
بۇلغانغان تىنىمنى پاكلىغۇڭمۇ يوق ،
مىڭ نىدا ئىلكىدە قىلساممۇ غەۋغا .

كىتەي مەن دەردىمنى ئۆشنەمگە ئارتىپ ،
چاڭقىغان دىللارنى قاندۇرغىن تىزناپ »
ئارمىنىڭ ئۈزۈلمەي ئاقسۇن مەنزىلگە ،
ھەر تومۇر قىنىدا ئۆركەشلەر ياساپ ......

2016.يىلى 8.ئاينىڭ 2.كۈنى يەكەن قارسۇ
     





175 قېتىم كۆرۈلدى arqen ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-13 15:12:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-17 16:11:01 请年 ياشلىق
ئ‍ەكپەرجان كۆزتەگمىسۇن ئ‍اداش تخمۇ تىرشىڭلا ئ‍امەت يار بولسۇن 👍🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ