دوختۇرلار (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

دوختۇرلار
مەمەتجان سەمەت

ئاغرىپ قېلىپ كېسەللەر قاقشاپ كەلسە ئالدىغا،
تەكشۈرۈپلا  شۇ  ھامان  يىتىپ  ئۇنىڭ   ھالىغا.
كۆرپە  يوتقان  سەپ بىرىپ  تېخى ياتار جايىغا،
قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ تايدەك چاپقان  دوختۇرلار.

بۇ دۇنيادا  كېسەلگە  ھېچ  بىر  داۋا  تېپىلماس،
ئاغرىقلارنىڭ دەرت پەريات يىغىللىرى بېسىلماس.
تۇمۇرلارغا ئىسسىق قان ئۆزلىگىدىن سېلىنماس،
ئەمما ئىزدەپ ھەممىگە چارە تاپقان دوختۇرلار.

يوقلاپ تۇرار نەچچە رەت كېچىدىمۇ ئۇخلىماي،
ھاردىم تالدىم دىمەيدۇ ئىشلىسىمۇ توختىماي.
ھېيىت بايرام كەلسىمۇ كېسەل كۆرۈپ ئوينىماي،
ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ داۋالىغان دوختۇرلار.

ئەھۋال سوراپ ھەركۈنى سەھەر كىرىپ يېنىغا،
ئوكۇل ئېسىپ بىمارنىڭ قوللىرىنىڭ  بېغشىغا.
كېسەللىرنى  ساقايتىپ  ئارام  بىرىپ  جېنىغا،
ئاق يول تىلەپ ئۆيىگە يولغا سالغان دوختۇرلار.

پەرىشتىگە ئوخشايدۇ خۇددى گۈزەل تۇرىقى،
بىمارلارغا  زوق  بىرىپ تۇرا  مىجەز  خۇلىقى.
چىن مېھرىدىن  كۆيۈنۈپ ئاتاپ ھەتتا ئۆزىنى،
ياخشى قىلىپ خىزمەتنى جاپا تارتقان دوختۇرلار.

ئاپتورنىڭ ئۈندىدار : 308381500
ئاپتورنىڭ   ئىسمى   بىلەن  تارقىتىڭ
ئاق خالاتلىق پەرىشتە سېستىرا دوختۇرلارغا بېغىشلايمەن
     





215 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 18:07:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ