ھۆددى قىلماس ئۆمۈر بىزلەرگە
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا
بۇ دۇنيادا مەڭگۈ تۇرغىلى،
ھۆددى قىلماس ئۆمۈر بىزلەرگە.
ئەجەل پايلار سوزۈپ قولىنى،
ھۆددى قىلماس ئۆمۈر بىزلەرگە.
تۇغۇلغاندا بۆشۈك باش بىكەت،
ھايات يولى بەخىت ۋە قىسمەت.
قەبرىستانلىق ئاخىرقى بېكەت،
ھۆددى قىلماس ئۆمۈر بىزلەرگە.
بالىلىقمۇ ياشلىقمۇ كېتەر،
قېرىلقتا بەدەن مۈكچىيەر.
سوققان يۈرەك تىۋىشى يۈتەر،
ھۆددى قىلماس ئۆمۈر بىزلەرگە.
ياشىساقمۇ بايلىقتا ئەۋزەل،
دال بولالماس ئۆلۈمگە دۇر-زەر.
يەتتە كۈننىڭ بىرىدە قەرەل ،
ھۆددى قىلماس ئۆمۈر بىزلەرگە.
ئالغان جانغا سەۋەبنى تاشلاپ،
ھادىسە ھەم ئاغرىققا باشلاپ.
تىرىكلەرنىڭ كۆزىنى ياشلاپ،
ھۆددى قىلماس ئۆمۈر بىزلەرگە.
2016/11/25
195 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-26 20:54:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-27 9:54:29 | خالىدە |
بەك ياخشى يىزىلپتۇ. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|