يىغلاپ قايىتتىم قەبرەڭدىن ئاتا
ئادىلجان ئابلاخمەت
چىقتىم بۇگۇن قەبرەڭ بىشىغا ،
دىلىم بۇلدى ساقايماس يارا ،
دۇئالاردا ئەسلەپ مەن سىنى ،
يىغلاپ قايىتتىم قەبرەڭدىن ئاتا .
تەقدىر قىسمەت باقمىدى ماڭا ،
ئۆتكەن كۇنلەر يانمىدى قايتا ،
باغرىم تىخى قانمىغان ساڭا ،
يىغلاپ قايىتتىم قەبرەڭدىن ئاتا .
تۆگەم قىلىپ مىنىپ مەن سىنى ،
ئۆتكەن ئاشۇ كۇنلەر ئاھ قىنى ،
سىغىنىشىڭ ئەزدى دىلىمنى ،
يىغلاپ قايىتتىم قەبرەڭدىن ئاتا .
خۇشاللىققا جۆر بۇلدى جىمى ،
باستى لىكىن غىرىپلىق مىنى ،
ئىزەر دىلنى بۇلبۇلنىڭ ئۈنى ،
يىغلاپ قايىتتىم قەبرەڭدىن ئاتا .
ئايدەك يۇزلۇك ئانامغا دەيمۇ ،
ئاھۇ كۇزلۇك قىزىڭغا دەيمۇ ،
قەددى تاغدەك ئۇغلۇڭغا دەيمۇ ،
يىغلاپ قايىتتىم قەبرەڭدىن ئاتا .
2016-يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۇنى (سەيشەنبە )
| 26 قېتىم كۆرۈلدى | abral | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-7-28 0:33:10 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|