ئۈزۈپ يۈرەر كۆكتە تۇلۇن ئاي

‏ئاي

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

‏ئېيتىپ بەرگىن مىسكىن تۇلۇن ئاي،

 ‏نە قىسمەت بار سىنىڭ دېغىڭدا؟ ‏

جامالىڭغا ئوتلار چاچقانمۇ؟ ‏

ئوتلۇق قۇياش سەبى چېغىڭدا.

 

 ‏ ‏ياراشمىغاچ يۈزلۈرۈڭگە داغ،

‏جامالىڭدا قاپتۇ يېتىرقاپ.

‏ئەللەيلىنپ كىمنىڭ مۇڭىدا،

 ‏ئۇخلاپ قالدىڭ يۇلتۇزغا قاراپ.

 

‏ ‏شامال بىلەن يېشىڭنى سۈرتۈپ،

 ‏چۈشلۈرۈڭنى بۇزغۇم يوق بىراق.

 ‏كۆتۈرۈلسە قۇياش شۇ مەھەل،

 ‏يۇلتۇزلارمۇ قېچىشار يىراق.

 

‏ ‏‏تۈن كۆكىدە ئۈزۈپ يۈرەر ئاي

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ‏تۈن كۆكىدە ئۈزۈپ يۈرەر ئاي،

‏ئانا يەرگە نۇرىنى چېچىپ.

 ‏چاقىرىدۇ مىنى كونا جاي،

‏ئاي نۇرىدا كۆزىنى قىسىپ.

 

 ‏ ‏تۈن كۆكىدە ئۈزۈپ يۈرەر ئاي،

 ‏پاك سۆيگۈگە تىلەكلەر تىلەپ.

‏ئەجىر بىلەن كۆكەرگەن كەڭ ساي،

‏ئۇخلىتىدۇ بىر كۈن ئەللەيلەپ. ‏

 

 ‏تۈن كۆكىدە ئۈزۈپ يۈرەر ئاي،

 ‏مەيىن شامال بىلەن چىرمىشىپ.

 ‏ئاي ھۆسنىدە كۈلكە تەبەسسۈم،

 ‏قىلار دىلنى بەكمۇ خوش كەيىپ.

 

 ‏ ‏شۇ مىھىرلىك نۇرانە ئاخشام،

‏يۈرەكلەردە ياشنىسۇن ئەبەد.

 ‏ئاي كۈلكىسى بولمىسا يالغان،

 ‏ۋىسال تاپار ھامان مۇھاببەت.

 

‏ ‏‏يۈرۈكۈمدە تۇرسا داغسىز تۇلۇنئاي ‏

 

باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ‏ئايدىڭ كىچە دېرىزىنى ئاچتىممەن،

 ‏ئىللىق شامال سىيپاپ ئۆتتى يۈزۈمنى.

‏سىنى ئويلاپ چۆكتۈم تاتلىق خىيالغا،

 ‏تۇلۇن ئايغا تىكىپ ئويچان كۆزۈمنى. ‏ ‏

 

ئەركە شامال شىۋىرلىدى مۇڭلىنىپ،

 ‏كۆردۈڭ ئەنە تۇلۇن ئاينىڭ ھۆسنىنى.

‏نە ئۈچۈندۇر قارا داغلار ئوراپتۇ،

‏ئۇنىڭ سۈتتەك ئاپپاققىنە يۈزىنى. ‏

 

 ‏نە قىسمەت بار تۇلۇن ئاينىڭ دېغىدا،

 ‏ئويلاپ قالدىم ئەركە شامال سۆزىنى.

 ‏بىر ياخشىغا بىر ياماننى يانداتقان،

 ‏تەغدىر ئىكەن دەپ بەزلىگەچ ئۆزۈمنى.

 

 ‏ ‏سالقىن شامال سۆيۈپ مىنىڭ مەڭزىمنى،

 ئەسلەتكەن شۇ مىنۇتلاردىن ئايلىناي.

 ‏يۈرۈكۈمدە تۇرسا داغسىز تۇلۇنئاي،

 ‏ئايغا قاراپ خىيال سۈرۈپ نە قىلاي.‏

 

 ‏ ‏2015-يىل باي





220 قېتىم كۆرۈلدى باھارگۈل ئىبرايىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 19:28:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-4 11:31:56 م، ئىزچى
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، تىرشىپ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يارتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ