ھەي …ھايات سەنسىز ئۈتەرمۇ ؟ - ئابدۇقادىر ئىزچى

ھەي…ھايات سەنسىز ئۈتەرمۇ ؟؟؟
ئابدۇقادىر ئىزچى


ھەي… ھايات سەنسىز ئۈتەرمۇ،
سىنى  ئويلاپ زىدە يۈرەك پارەم.
ئانا بۇ ھايات سەنسىز ئۈتەرمۇ،
بۇنىڭغا يوقتۇر بىرە ئامال چارەم.

ھەي…ھايات سەنسىز ئۈتەرمۇ،
ئەسلەيمەن شۇ گۈزەل كۈنلەنى.
ئاھ ئانا بۇ كۈنلە شۇنداق ئۈتەرمۇ،
مىنى دەپ ئۇلۇدۇڭ تۈنگە كۈنلەرنى.

ھەي…ھايات سەنسىز ئۈتەرمۇ،
رەنجىتكەن ئىدىم بەزى چاغلادا.
كۈنلەر پۇشايماندا شۇنداق ئۈتەرمۇ،
قالدۇرۇپ سىنى سۇغۇق تاغلادا.

ھەي …ھايات سەنسىز ئۈتەرمۇ،
يۈرۈگۈم ئازاپتا ئەنسىز سۇقارمۇ.
شۇباللار قەدرىڭنى بىلمەي ئۈتەرمۇ،
بۇ ھايات منى تىرىكلا دارغا ئاسارمۇ.

ھەي …ھايات سەنسىز ئۈتەرمۇ،
ئاتىساڭ بارىڭنى مەن بۈنى بلمەي.
كۈنلەقەبرە ئالدىدا يىغلاپ ئۈتەرمۇ،
ھەي كىممۇ ياشايدۇ دنيادا ئۆلمەي.

ھەي …ھايات سەنسىز ئۈتەرمۇ ،
ھەي ئانا سەن شۇنچە سەبىرچان.
ئىزلادىن ھىدلىرىڭنى ئىزلەپ ئۈتەرمۇ ،
شۇنچە قىلسام ئۇرمۇدۇڭ ھېچقاچان .

ھەي …ھايات سەنسىز ئۈتەرمۇ ،
ئاھ……………ئانا سىنى سېغىندىم .
بۇ كۈنلە ئاھ ئۇرۇپلا شۇنداق ئۈتەرمۇ ،
مەن بۇدۇنياغا ئارتۇقچە بۇنى بىلمىدىم.

بىر  تامچە     2280305596   QQ
     





47 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇقادىر ئىزچى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-16 21:21:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ