جانان كېلەرمۇ (شېئىر) - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

 جانان كېلەرمۇ

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


زىمستاننى سۈرگۈن قىلىپ باھارلەر كەلدى،
ئېرىپ قار-مۇز ئېرىق ياساپ ئەگىزلەر كەلدى،
ئۇچۇپ كەتكەن قارلغاچ ھەم تۇرنىلار كەلدى،
جۇد كۆڭلۈمگە باھار چىللاپ جانان كېلەرمۇ؟

تاڭ ساباسى تال چىۋىقنى سالدى ئۇسۇلغا،
شەپەق قىزىرىپ كەتتى كېچە تاغنىڭ قوينىغا،
خىرەلەشتى چولپانمۇ ئېسلىپ ئاينىڭ بوينىغا،
جۈپ مەڭزىگە قۇياش سۆيۈپ جانان كېلەرمۇ؟

بويىدىن تاراپ ئەنبەر مەست بولدى سەگەكلىكىم،

قەسەم بولدى ئۆزۈمگە ئول جانانغا يەتمەكلىكىم،
مۇمكىنمۇ ئەمدى ئىشىق چۆللەرنى كەزمەسلىكىم،
ئىشىق دەردىمگە مەلھەم بۇلۇپ جانان كېلەرمۇ؟

2017-يىل3-ئاينڭ 20-كۈنى
     





16 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-20 9:29:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ