كەتمە

كەتمە

 

ئ‍ەسقەر قۇربان

 

كەتمە جانىم كەتمە يانىمدىن،

 بۇيۈرۈكىم چەكمىسۇن ئ‍ازاپ .

 تاشلاپ كەتسەڭ ئ‍ەگەردە مېنى ،

 ھالىم بەكمۇ بولىدۇ خاراپ.

 

 مەن سۆيۈمەن قەپەت سېنىلا،

 يۈرۈكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن.

 بەخىت تاپسۇن تەشنا بۇ دىلىم ،

چىن ساداقەت سۆيگۈ مېھرىدىن .

 

تاشلاپ كەتمە ،كەتمىگىن مېنى،

ئ‍ۆزگىلەرنى يار قىپ ئ‍ۆزۈڭگە.

مۇھەببەتنى باسمىسۇن تۇمان،

 قاراپ باققىن غەمكىن كۆزۈمگە.

 

تاشلاپ كەتمە مېنى نىگارىم،

ئ‍ەقىدىمىز بولمىسۇن بەربات.

يەتكىن سەنمۇ سۆيگۈ قەدرىگە،

چىن سۆيگۈگە تولسۇن بۇ ھايات.

 

مەنبە:كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئ‍ېلىندى.

 2016.1.31





129 قېتىم كۆرۈلدى ikbal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-4 21:00:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ