خىيالچان كىچە
ئاپتورى : زۈلەيخا
كىچە چىراق ئۈچكىلى نە ۋاق ،
لىكىن كۆزلەر ئۇيقۇدىن يىراق .
مەن ئۇيقۇدىن بىدار بۇ كىچە،
يار خىيالى مىنىڭدىن يىراق .
كىچە چىراق ئۈچكلى نە ۋاق ،
كىملەر مەندەك خىيالچان بىراق .
جۇدالىقنىڭ مۇڭىغا جۈر بوپ ،
كىملەر غەمكىن چىكىدۇ پىراق .
كىچە چىراق ئۈچكلى نە ۋاق ،
ئايمۇ تەنھا ئاسماندا بىراق .
تەنھا ئايدەك تەنھا سۈيگۈلەر ،
تەنھا كىتەر ئارمانلار بىراق .
كىچە چىراق ئۈچكىلى نە ۋاق ،
چىكەتكىنىڭ ئۈنى بار بىراق .
غەملىرىنى ماڭا قالدۇرۇپ ،
زىمىن ئىغىر ئۇيقۇدا بىراق....
كىچە چىراق ئۈچكىلى نە ۋاق ،
تۇيغولىرىم سەرسانە بىراق .
تەنھا ماكان، تەنھا ھىسلىرىم،
شائىر كەبى يازىمەن بىراق......!
9-سىنتەبىر
| 93 قېتىم كۆرۈلدى | زۈلەيخا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-27 20:01:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|