يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئ‍ورنى

يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئ‍ورنى

 

 سەيپىدىن ئ‍امۇت

 

 ئ‍ەركەك قىلىپ ئ‍ۆستۈردى مېنى،

كۈندە بېرىپ ھاياتلىق دېنى.

 ئ‍ەڭ مۇقەددەس ئ‍ېگەللەندى يەك،

 يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئ‍ورنى.

 

 ئ‍ۈمىد بىرلە قاينايدۇ ئ‍ەتتىم،

ئ‍ۇ بولغاچقا مەردانە قەددىم.

كۈن-تۈن ئ‍ۇلاپ بۈگۈنگە يەتتىم،

 يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئ‍ورنى.

 

 ھېممىتىدىن بارىم ئ‍ىپتىخار،

 سەھەر-ئاخشام كۈيلىرىمدە بار.

 قەلبىمدىكى ئ‍ەڭ سۆيۈملۈك يار،

 يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئ‍ورنى.

 

 ئ‍ۇ بولغاچقا گۈزەلدۇر تۇيغۇ،

 چاڭقىغاندا ئ‍ۇسسۇزلۇقۇم ئ‍ۇ.

 ئ‍ۇسىز جامدا يۈتىمەن قايغۇ،

يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئ‍ورنى.

 

 ئ‍ەقىدەمدۇر قۇيۇقتۇر-قۇيۇق،

 سۆيگۈ رىشتەم باغلانغان تۇلۇق.

 ئ‍اڭا شەكسز بارىم تەئەللۇق،

 يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئ‍ورنى.

 

 2015.5 ئ‍اۋغۇست





209 قېتىم كۆرۈلدى 1727758308 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-5 9:31:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-5 16:57:03 resalat
bak yahxi yizipsez💪
2015-8-5 15:18:22 alimjan
Barikalla ahinam
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ