داداڭنىڭ پۇلى
مەڭگۈنۇر دىلمۇرات
قورقماي خەجلە،
داداڭنىڭ پۇلى،
ئۇ ئېڭىشىپ تاپىدۇ،
سەن غادىيىپ خەجلە،
ئۇ يالۋۇرۇپ تاپىدۇ،
سەن يالتايماي خەجلە،
ئۇ مېڭىپ تاپىدۇ،
سەن كوچا ئاپتۇبۇسلار ئارىسىدا خەجلە،
ئۇ تاپىدۇ،
يىقلىپ،
يىغلاپ،
يېغىپ،
سەن ياتسىرماي خەجلە،
چۈنكى سەن خەجلىگلى كەلگەن!
ئۇ زارىقىپ تاپىدۇ،
سېنى زار بۇلمىسۇن دەپ،
ئۇ ئۈملەپ تاپىدۇ،
سېنى ئۆرلىسۇن دەپ،
ئۇ تاپىمەن دەپ تاتقۇزۇپ بۇلدى،
شۇ ياش جىسىمىنى،
سەن ئالدىم دەپ نىمىلەرنى ئىلىۋالغانسەن؟!
ئىگە بولغانسەن؟!
ئۇ قاقشىماي تاپىدۇ،
سىنى قاتىراتماي دەپ،
ئۇ چارچىماي تاپىدۇ،
سىنى چارچاتماي دەپ،
ئۇ ھارماي تاپىدۇ ،
سىنى ھالسىزلاندۇرماي دەپ،
ئىلىۋال دۇستۇڭنىڭكىدەك!
مۇھاببىتىڭمۇ قۇرۇق قالمىسۇن ،
چۈنكى ئۇ سىنىڭ ئەمەس داداڭنىڭ پۇلى،
داداڭ تاپقان پۇل!
ئۇ تەرلەپ تاپقان پۇل،
سەن تەمتىرمەي خەجلە!
1135 قېتىم كۆرۈلدى | مەڭگۈنۇر دىلمۇرات | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-10 2:28:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|