بۇ كېچە (غەزەل) -تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى

 بۇ كېچە
 ( غەزەل )
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
( شىجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )

نىتەي، قارا  ھىجرانغا يەم ئەتتىڭ  ئەي  يار ، بۇ كېچە ،
لەشكىرى قايغۇ -ئازاپنىڭ قىلدى زەپ  خار بۇ كېچە .

تولغىنىپ گۈلخانغا چۈشكەن  قىل كەبى ياتالمىدىم ،
لەززىتىنى  ئۇيقۇنىڭ   ئەيلىدى تار -مار  بۇ كېچە .

مىسكىنلىكنىڭ تاغلىرى  قاخشاتتى جاننى رەھمىسىز  ،
تىلىسەم قۇتلۇق ۋىسالىڭ  ئەتتى ئىنكار بۇ كېچە .

ياتقان سۈكۈتتە  كائىنات سالماس نىدايىمغا قۇلاق ،
سامادا ئاي ،يۇلتۇز كۈلۈپ باقمىدى زىنھار بۇ كېچە .

دىلىمغا سۇلتاندۇر پىغان ،ھەر دەقىق  مىڭ ئىمتىھان ،
پالىنىپ  دەشتلەر ئارا   روھىم ئېتەر  زار بۇ كېچە .  
                                                    
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىدىن
2016.2.15  كەچ ،ئۈرۈمچى





7114 قېتىم كۆرۈلدى xeydayi ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-4 21:41:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-30 5:51:34 ئابدۇقېيۇم ئابدۇللا قادىرى
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى ئۆمرۈىڭىزگە بەركەت، تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن، قەلىمىڭىزگە كۆز، قەدىمىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن ، ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق سۆيۈندۇم، ھارمىغايسىز!!!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ