تاغدەك دادام بار ئىدى (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 تاغدەك دادام بار ئىدى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

تاغدەك دادام بار ئىدى،قامەتلىرى ياراشقان،
ئاپام ئىزدەپ يىغلىسام،ئىمىزگىدە گوللىغان،
زىرىكتۈرمەي دەپ مېنى،تال چىۋىقنى ئات ئىتىپ،
يەنە ئويناپ بالچۇقنى،ۋاللەينىمۇ توۋلىغان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،سۆيۈپ ھەرگىز قانمىغان،
جىدەل قىلسام توختىماي،كەمپۈت بىلەن ئالدىغان،
سەھەر تۇرۇپ،كەچ يېتىپ،غەمنى يۈتۈپ،مۇڭسىراپ،
يەنە بىللە يېنىمدا،قورچاقلارنى ئوينىغان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،يۇلتۇزلاردەك چاقنىغان،
بىللە بېرىپ مەكتەپكە،كۆندۈرۈشنى ئويلىغان،
يازالمىسام خەتلەرنى،غەيرەت قىلغىن بالام دەپ،
مەدەت بېرىپ زىرىكمەي، قوللۇرۇمنى ئۇۋلىغان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،شىجائىتى ئۇرغۇغان،
ئارام ئېلىش كۈنلىرى،باغچىلاردا ئويناتقان،
ھارغىنىمدا ماڭمىسام،ئازراق تاماق يېۋال دەپ،
پولو،مانتا يېگۈزۈپ،يەنە كاۋاپ بۇيرۇتقان.

تاغدەك دادام بارئىدى،پۇل-پۇچەكسىز قويمىغان،
ئاقىللاردىن بولغىن دەپ، مەرىپەتتىن سۆز ئاچقان،
پەن-تېخنىكا ئۆگىنىپ،كۆكتە پەرۋاز قىلغىن دەپ،
داغدام يولنى كۆرسىتىپ،ئىرادەمنى تاۋلىغان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،زادى قاخشاپ باقمىغان،
يۈرەك پارەم نەۋرەم دەپ،مۆكۈ-مۆككاڭ ئويناشقان،
ئەركىلەتكەن بالامنى،قوزام تىزرەك كېلىڭ دەپ،
سۆيۈپ قويۇپ مەڭزىگە،باشلىرىنى سىلىغان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،قېنىپ ئۇخلاپ باقمىغان،
چەكتى جاپا نەچچە يىل،بەختىمىزنى ئويلىغان،
ئاغرىپ قالساق ناۋادا،دورا-دەرمەكلەر ئىزدەپ،
ھېيت-بايرام بولغاندا،قۇرۇق قولى بولمىغان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،ئوچۇق-يورۇق مۇڭداشقان،
كۈلۈپ ياشا ئوغلۇم دەپ،مەدەت بېرىپ قوللىغان،
كۈلۈپ قويۇپ قارىسا،بىلمەپتۇققۇ كۈلدى دەپ،
ئايرىلىشقا قىيالماي،ياشلىرىنى يوشۇرغان.

دادام كەتتى ئاشۇنداق،كۈلۈپ قويۇپ يالغاندىن،
زۇۋان سۈرمەي ئەنسىرەپ، ئارقىسىدا قالغاندىن،
ھەممىمىزنى گول قىلىپ، ياشلىرىنى يوشۇرۇپ،
دەرتلەر كەلسە زارلىماي،بىزگە راھەت ئويلىغان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،خىزمەتكە ماڭ دەيدىغان،
تاتلىق كۈلۈپ قوزام دەپ،بالام غېمى يەيدىغان،
سەپىرىڭنى بىلمەپتۇق،تۆمۈر ئادەم دادام دەپ،
يىتىم قىلىپ بىزلەرنى،ئازاپلارنى قالدۇرغان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،ئەركەكلىرىم دەيدىغان،
كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا،غەيرەتلىك بول دەيدىغان،
دەرتلەر كەلسە بېشىغا،ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ،
ئۈن چىقارماي تېشىغا،سۈكۈتلەرگە زورلىغان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،ھەممە دەرتنى يوشۇرغان،
يۇمشىغىنى يېۋال دەپ،ژىرىگىنى يەيدىغان،
تارتىپ ئاچچىق ئۇھلارنى،بالام دەپلا تولغۇنۇپ،
ياشلىرىنى يوشۇرۇپ،كۈلدۈرۈشكە زورلىغان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،ئەتىمىزنى ئويلىغان،
قۇچاق ئېچىپ بىزلەرگە،غەم-ئەندىشە ئۇنۇتقان،
قوشۇپ قاتار بىزلەرنى،يەنە نەۋرەم دەپ بېقىپ،
ئاداشمىسۇن ئىزىم دەپ،شام-چىراغلار يورۇتقان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،تەغدىر بىزدىن ئايرىغان،
پەقەت كەچۈر دەي دادا،ياشلىق چېغىم ئاداشقان،
سەن دېگەنتىڭ بالام دەپ،مەنمۇ دېدىم بالام دەپ،
ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ،بوۋام شۇنداق يول ئاچقان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،يۇرتىمىزغا ياراشقان،
مەلىدىكى بالىلار،چوڭ دادام دەپ ئاتاشقان،
سېلاپ ھەممە بېشىنى،بار-يوقنى تەڭ كۆرۈپ،
چوڭ-كىچىكنى ئايرىماي،ئەل غېمىنى ئويلىغان.

تاغدەك دادام بار ئىدى،كەلسە ھەممە ئوۋلاشقان،
جىنازىغا چىققاندا،ئەر-ئاياللار يىغلاشقان،
چۈشلىرىمدە كۆرگەندە،يىغلىدىمغۇ تۇنجۇقۇپ،
نىمە دەيمەن نادانلىق،ياشلىق شۇنداق ئاداشقان.
     





168 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان(كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 7:47:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ