قىينىما
( غەزەل )
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
( شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )
پىراقىڭدا جاننى ئۆرتەپ ئەي قەلەمقاش قىينىما ،
يۈرىكىمگە كۆزلىرىمدىن ئاققۇزۇپ ياش قىينىما.
زارىقىپ ۋەسلىڭگە بۇتاپ تاقىتىم تاق بولدى يار ،
قارا ھىجران چۆللىرىدە سەن ئېتىپ تاش قىينىما.
تۈنلىرى يۇلتۇز ساناپ چولپاننى ئويغاتتىم سەھەر ،
پاتتى مەغرىپكە قۇياشمۇ پۈتتى بەرداش قىينىما.
مەن ئىشىق كويىدا سەرسان (توۋۋا ،پەرۋايىڭ پەلەك ) ،
دەستىدە ھەسرەت ئازاپنىڭ ئەگدۈرۈپ باش قىينىما .
دائىما ئىزدەپ ۋىسالىڭ ،تاپمىدىم ئەسلا ئارام ،
ئاھ،كۆيۈك تەپتىدە باغرىم بولدى ئوتقاش قىينىما.
شەيدالىقتا بارلىغىمنى ئۇنتۇساممۇ دىلرەبا ،
يەتمىدىڭ ھالىمغا ئەسلا قىيغىتىپ شاش قىينىما .
ئاسرىماق ئاشىقنى بىلسەڭ ئەھلى ۋىجدان بۇرچىدۇر ،
ئەيلە ئىزھار چىن سۆزۈڭ:سىناشمۇ،قىيناش؟ ،قىينىما.
2017.23فېۋرال
| 5226 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-5 19:13:56 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|