مۇڭلانمسۇن ئەقىدە سىڭلىم - قۇربانئاي داۋۇت

 مۇڭلانمىسۇن ئەقىدە  سىڭلىم
(ياقا يۇرتقا تۇرمۇشلۇق بۇلۇپ، تۇرمۇشتىن ئازار يىگەن بىر قىزنىڭ زارىنى ئاڭلاپ، ئۇ قىزغا تەسەللى ئۈچۈن قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم)
ئاپتۇر: قۇربانئاي داۋۇت

بايانىڭغا قۇلاق سالغانچە ،
يۈرىكىڭگە چۈكۈپ بارىمەن.
ئازابىڭغا جۈر بولغۇنۇمچە،
ئىغىر-ئىغىر نەپەس ئالىمەن.

خىياللاردىن ئىزىلەر قەلبىم،
كەچمىشىمنى ئەسكە ئالغانچە.
تەقدىر دەيمىز ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
غەم يۈتسەممۇ ئاھ، ئامال قانچە.

تەنتەكلىكىم نادانلىقىمدىن،
لەۋزىڭ ئۈچۈن ئالدىنىپتىمەن،
«كۆيدۈم» دېسەڭ يالغان ياش تۆكۈپ،
ئىككىلەنمەي ماسلىشىپتىمەن.

ئاتا-ئانام يۇرتۇمنى تاشلاپ،
سېنى شۇنچە ئۇلۇقلاپتىمەن.
ناخشاڭ ئۈچۈن چىلىپ كۈندە ساز،
تەقدىرىمنى ئويلىماپتىمەن.

ياقا يۇرۇتمۇ سەن بولغاچقا ئۆز،
بىلىنلا ئۆتتى ھەر كۈنۈم.
جۇدۇن بولدى باھارىڭ بىردىن،
چۈشۈپ كەتتى ئىچىمگە ئۈنۈم.

يالۋۇرۇشۇم، يىلىنشلىرىم،
كار قىلمىدى ساڭا بەرى بىر.
ئويلىغانچە باستى غىرىپلىق،
سەندە زادى باردۇر نىمە سىر.

سەندىن ئۈمۈت كۈتكەن بۇ كۆڭلۈم،
ئازبلاندى كۆز يېشىم دەريا.
نادانلىقىم، ساقتا سۆيگۈڭگە،
ئولجا بولدى قىلمايمەن غەۋغا.

ياققا يۇرۇتقا قىلدىڭ مۇساپىر،
ئارمانلىرىم قۇرىغان بۇلاق.
خىرەلەشتى ئۈمۈد گۈلرۈم،
چاچالمايدۇ ئەمدى خۇش پۇراق.

ھەممە ئادەم ناتۇنۇش ماڭا ،
كوچلىرىڭ خارابە گويا.
شاماللارمۇ سۆيمەس يۈزۈمگە،
يۇلتۇزلارمۇ باقمايدۇ قىيا.

چۈشكۈنلىكنىڭ قوينىغا چۆكۈپ،
لەنەت دىدىم خائىن سۆيگۈڭگە.
ئەجەپ نادان ئىنسان ئىكەنسەن،
يەتمىدىڭغۇ سادىق قەدرىمگە.

خۇش قال كىتەي سېنىڭدىن يېراق،
گەر ئەرزىسەم ئەسلەپ قۇيارسەن.
ئەقىدەمنى قەدرىمنى بىلمەي،
ئۆتكىنىڭگە ھەسرەت يۇتارسەن.  

-:دىدىڭ سىڭلىم ئىزىپ يۈرەكنى،
سەبرە قىلغىن بولغىن ئۈمۈتۋار.
تۇرمۇش دېگەن كىشى راھىدەك،
بولماس ئەسلا، قىلما ئۇنچە زار.

دۇنيا دېگەن سىرلىق تىپىشماق،
ئادەم ھەر خىل نەيرەڭلىرى بار.
ئۈمۈد بىلەن ياشا ئالەمدە،
ئۈمۈد بىلەن كىشى بولماس خار.

مۇڭلانمىسۇن ئەقىدەڭ ئەمدى،
بەخت كۈتكىن ئەجىر تەھرىڭدىن.
ھايات سېنى قويماس ئۈمۈدسىز،
رىشتىڭ بولسا ھامان مېھرىڭدىن.

    يىگانە مەن شۇنچىلىك ئاجىز،
قاناتلىرى بۇغۇلغان قۇشتەك.
قاتىلىمغا ئايلاندىڭ بۈگۈنكى،
كۆڭلۈمدىكى سۈيۈملىك لۈكچەك.
     





130 قېتىم كۆرۈلدى قۇربانئاي داۋۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-8 13:02:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ