سۆيگۈ ئ‍ارزۇسى

سۆيگۈ ئ‍ارزۇسى

 

 ئ‍ەكبەر راخمان

 

 دۇئالىرىم سەن بىلەن بىللە ،

ئ‍ارزۇلىرىم ساڭا باغلانغان .

 قايغۇلارغا دەپنە بۇ كۆڭلۈم ،

 مىھرىڭ بىلەن قايتا نۇرلانغان .

 

كۆزلىرىڭدە مۇھەببەت ئ‍ۇتى ،

 يۈرىگىمدە كۆيەر لاۋىلداپ .

ئ‍ۇشبۇ كۆڭلۈم ساڭا تەئەللۇق ،

ئ‍ۆزگە گۈلدىن ئ‍المايدۇ جاۋاپ .

 

 مەنزىلىمگە بولغىن سەپەرداش ،

يۇرۇتقۇسى بۇ يولنى قۇياش .

ئ‍ايرىلمىغىن مەڭگۈ يېنىمدىن ،

مۈشكۈل ماڭا سېنىڭسىز ياشاش…





266 قېتىم كۆرۈلدى DoLan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 18:04:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-7-30 11:33:46
ياخشى چىققان شېئىر
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ