يەتتىمغۇ قەدرىڭگە
مەردان ئەنۋەر
بالام دەپ ياشاشنى باشلىغان چاغدا،
ئەسلىدىم تارىخنى ، يۈرىكىم داغدا.
بىلمىدىم ئەجەپمۇ قىينىدى ھەسرەت،
يەتتىمغۇ شۇندىلا قەدرىڭگە دادا .
ئۇخلىماي تەۋرەتكەن بۆشۈكنى ئانا،
بەزلەيتتى سۈت بېرىپ يىغلىسام مانا .
بىلگەندە ئانىنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى،
يەتتىمغۇ شۇندىلا قەدرىڭگە ئانا .
قايتۇرماي تۇرۇپلا ئەجىرلىرىڭنى،
دادامنىڭ كەينىدىن كەتتىغۇ ئانا.
باش قويۇپ يىغلىدىم قەبرىلىرىڭگە،
يىگانە دۇنيادىن كەلمىدى سادا.
مەردان
| 189 قېتىم كۆرۈلدى | مەردان ئەنۋەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-28 0:00:26 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|