كۆرۈشۈش
مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)
ئادەتتە
تۇرۇپلا بىر تال تاماكا چىكىپ،
ئەتىگەن كەچلىرى گۈپپىدە بىرەنى ئىچىپ،
رەتسىز يۈرىيدىغان،
غەمسىز كۆرۈنىدىغان ،
غەلىتە بىر ئادەم.
تۇيۇقسىز ...
ھەپتنىڭ مەلۇم بىر كۈنىدە...
سەھەردىلا چاچراپ تۇرۇپ،
ئىككى مىسرا ناخشا توۋلايدۇ،
ئەستايىدىللىق بىلەن ساقال ئالىدۇ،
يۈزلىرنى ئۇزاق ئۇۋلايدۇ.
چاماداننى بىر ئاختۇرۇپ ...
يېڭى پايپاق،
مودا كۆينەك،
تىقىپ قويغان ئەتتىر...
ئايىغىنى بېرىلىپ تۇرۇپ مايلايدۇ...
بىردەمدە باشقىچە سىياققا كىرىپ ،
دوسلىرىغا
ماڭا ئامەت تىلە دەپ يانپاش سوقۇشتۇرۇپ،
يالپۇز تەملىك سېغىزدىن بىرنى ئاغزىغا ئېتىپ ،
ناخشىسنىڭ داۋامىنى غىڭشىپ،
تېلفۇنىغا قاراپ قويۇپ تالاغا ماڭىدۇ...
بۈگۈن...
بىرەسىنىڭ تويى بوممايدۇ،
ئالاھىدە زىياپەتلەرمۇ يوق.
ئەمما ...
بۇ ...
لەززەتلىك باشلىنىپ ،
تولىمۇ شىرىن
ئاچچىق ئاياقلىشىدىغان كۆرشۈش...
2017-يىلى 30-مارت تۈنتەڭ ئۈرۈمچى
141 قېتىم كۆرۈلدى | pekir | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-2 9:34:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|