سىنى سۆيمەن - خېلىل جىبران

سىنى سۆيىمەن

 

 (خېلىل جىبران)

 

پەيدا بولسام يېنىڭدا ئۈنسز ،

ھەيرانلىقتا قالامسەن  جىمىپ.

 قەيەرلەردىن پەيدا بولار دەپ،

 سايەمدىنمۇ يۈرەمسەن  قېچىپ .

ئىزلىرىڭغا قاراپ باق ئاستا ،

ئۈستىدە بار مىنىڭ ئىزلىرىم.

 ئىزلىرىمغا قاراپ باق ئاستا،

 ئۈستىدە بار يۈرەك سۆزلىرىم .

ئۆزگە گۈلنى ئۈزمىدىم  پەقەت،

 ئوخشىمغاچ ساڭا پۇرقى.

 سەنمىكىن دەپ قالمىدىم ھەرگىز ،

ئوخشىمىغاچ ساڭا تۇرقى.

 باشلىرىڭغا قونسا كىپىنەك،

 قوغلىۋەتمە مىنى قوغلىغاندەك.

 مەپتۇن قىپتۇ پۇرقىڭ ئۇنى،

 پۇرىغاندۇ ماڭا پۇرىغاندەك .

مىنى كۆرۈپ ھۇدىقىسەن نىچۈن،

 كۆڭۈل سوردۇم، جېنىڭ سورمىدىم.

 بەلكىم كۆڭلۈڭ باشقا بىرىدە،

 سۆيىمەن دىدىم، سۆي دىمىدىم.

 چۈشەن مىنى سۆيىمەن سىنى،

 ئارلاشمىغان سۆيگۈمگە ھەۋەس.

 كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ،

 ئالالامسەن راسچىل بىر نەپەس.

 

 2016-3-6كەچ x





106 قېتىم كۆرۈلدى helil1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-7 1:11:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ