لۇتپۇللا مۇتەللىپ
رەھمىتۇللا تۇرسۇن
قاراڭغۇنى يۇرۇتقان شامدەك،
قەلبىمىزنى يۇرۇتقان ئوغلان.
بېشىمىزدىن قوغلاپ زۇلمەتنى،
جاھالەتتىن قۇتقۇزغان ئوغلان.
ھوررا توۋلاپ ئەشئارلىرىدا،
نادانلىقنى قوغلىغان ئوغلان.
مەيدە كىرىپ مەردى-مەردانە،
ئىلىم پەننى قوللىغان ئوغلان.
ھەقنى كۈيلەپ ھەققە چاقىرىپ،
ئادالەتكە باشلىغان ئوغلان.
دىلى كورغا مەشئەلدەك يېنىپ،
چولپان بۇلۇپ چاقنىغان ئوغلان.
ئەركەك دىگەن نامىغا لايىق،
چىن ئەركەكتەك ياشىغان ئوغلان.
دۇشمەنلەرگە بېشىنى ئەگمەي،
ۋىژدانىنى ساقلىغان ئوغلان.
بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۇچۇن دۇزاخ،
بولدى دەپ ئاھ-توۋلىغان ئوغلان.
خازان قىلغاچقا قانخور ئەبلەخ،
ياش گۇلىدىن ئايرىلغان ئوغلان.
ئەل-ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن،
ھەردائىم باش قاتۇرغان ئوغلان.
ئىنسانىيەتكە ۋەكىل بۇلۇپ،
يىللارغا جاۋاپ بەرگەن ئوغلان.
ئۇيغۇر ئەمەس پۇتۇن ئىنسانغا،
ياشاش يۇلى كۆرسەتكەن ئوغلان.
ئەقىل ياشتا ئەمەسلىكىنى،
بېشى بىلەن ئۇگەتكەن ئوغلان.
103 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-16 23:43:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|