قونچاق قىپ يۈرۈپسەن تىلى شىكەرىم
ھەمدۇللا(بۇلاق)
قونچاق قىپ يۈرۈپسەن تىلى شىكەرىم،
شىرىن سۆزۇڭگە قىلىپ ھەيرانە.
ئوقيا ئېتپسەن ھەسەل يالىتىپ،
ئشەنچىمنى قىلىپ سەن دەسمايە.
شۇندىن بېرى باھارلەر ماڭا زىمىستان ،
جاۋاپسىز بۇ دەتلەر يۇرەكتە پىنھان.
ئەلەملەر ئچىمنى ئۆرتىدى قايناپ،
سۇكۈتلەر ئىچدە ئۇنسىز بۇ يىغام.
ھىجرانلار كۆزنى ياش. دىلنى كور قىلدى،
شەيتانلار نىشانسىز يولۇمنى ئازدۇردى.
سوردىم بىراۋدىن ئاشىق دەۋاسى
جاۋابەن رۇمكىلار رەت-رەت تىزىلدى.
ئاشىقى دەرمان دەپ شاراپلەر ئىچتىم،
شاراپلەر كەيپىدە خىياللار كەشتىم.
تۇمانلار ئىچىدىن ئىزدىدىم نىمە،
زەيىبان مەيخانىدە كىملەرنى كۈتتۈم.
ئۇنۇتماق بولدۇم ، قۇتۇلماق بولدۇم ،
زەھەركى قەلبىمگە كەتسمۇ سىڭىپ.
پۇشايمان يۈرگۇمنى قىلدى ۋەيرانە ،
بىۋاپا يارنى قالغاچقا سۆيۇپ.
140 قېتىم كۆرۈلدى | بۇلاق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-23 15:35:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|