يانفۇن مەستانىلىرىگە - دىليار رەخمەتجان ئىز

يانفۇن مەستانىلىرىگە


(دىليار رەخمەتجان ئىز)


 ياتار ئوڭدا بولۇپ يانفۇن بىلەن ئەسرا،
بولۇپ ئۇنىڭكى مەزمۇنلىرىغا شەيدا،
قاچان چۈشتى قۇتۇلماس ھېچ ئاڭا سەۋدا،
قاچانكىم ئۇ پەيدا تىلفۇنمۇ تەڭ پەيدا،
كىرمەس سۆزگە بولۇر ھەتتا ساڭا سەپرا.

بىلىملەر كانى ئىستەمەس،بولغاچ باتىنى بىھۇش،
قوپماس تۈن بويى ھەتتا تاپار يانفۇندىن كۆڭلى خۇش،
قاچانكىم يانفۇنى ئېتىك بولۇر كۆڭلى بەك ناخۇش،
سۆزلىسەڭ ئىلىم بابىدىن دەر ھېيىقماي 《ئوھۇش》،
ئاھ،قاچان بېسىلارئول بايقۇش دىلىدىكى غەۋغا.

تاماقتا بولدى ھەمراھى يانفۇن دېگەن بۇ ئاغرى تاش،
تاپار ئۆزىچە لەززەت ئول ھەمراھ بولغاچ 《قاياش》،
سەپەردە ھاجىتى راۋا يانفۇنى بولغاچ ئاداش،
كۈندە ئادەتكە ئايلاندى يىنىشلاپ ئاڭا قاراش،
بىلمىدىم ئۇ بولدىمۇ ئاسمان قەرىدىكى ئەنقا.

شۇ سەۋەپ يۈتتى ئىنسان ئارىسىدىن مېھرى-شەپقەت،
دوست ئارا،يارەن ئاراكەلدى شۇملۇق،باستى غەپلەت،
بولدى ھورۇن قىز يىگىتلەر ئۇشتى ئىشىدىن بەرىكەت،
ئاھ،قاچان ئويغىنادۇر دەپ كەڭ جاھان چەكتى ھەسرەت،
بولۇپ قالدى ئۇ ئاخىر جاھان نىئمەتلىرىدە يەكتا.

بولدى سىمسىز تور ئۇلارنىڭ زور بايلىقى،
ئۆزى چارپاي،يانفۇن گويا ئۇز يايلىقى،
تورى قاتسا تۇتار شۇئان 《ۋاي ۋاي》لىقى،
بولۇپ ئەسىر ئاڭا ،چاندى ئىلىم گادايلىقى،
ئاھ،خاراپ ئىتەرمۇ ئۆمۈر تېڭىنى بولۇپ لەقۋا.

قۇلاق ئىشتمەس توۋلار ئاتاسى بار كۈچتە،
ياتار ۋاقچە قوپار ئىككىدە يا ئۈچتە،
پاھ،ئاتاسى زىرەك ئىدى،چەبدەس ئىدى ئۆتمۈشتە،
ئۆلۈم زاھىر بۇ يەڭلىغ بىنىشان ئۆتۈشتە،
قىلۇر خازان ياشلىق باھارىنى ئىنتىھا.

مېھمان بولۇپ بارساق ئەگەر 《بارمۇ ئۆيدە ۋاي فاي》دەيمىز،
شۇنچە شېرىن تائاملارنى يانفۇن قولدا بەتتەم يەيمىز،
تورى ئىتتىك ياقار بىزگە ئايدا ئۈچ تۆت كۈن تۈنەيمىز،
بېرىش نىچۈن،ھىكمەت نىمە،ھىممەت نىمە،يا بىلمەيمىز،
ئۆرۈپ-ئادەت بولدى يەكسان دەپلا قالدۇق ئاڭا 《ئاپلا》.

ئويلا ئىنسان،ئەمەسسەن،ئۇ بىكارچىلىقنىڭ قۇلى،
شۇ سەۋەپ بۇزۇلمىسۇن گۈلگۈن ھاياتنىڭ ئۇلى،
بىلسەڭ گەر ئەمەستۇر ئۇ ئەسلى ھايات ھۇزۇرى،
كۈندە تەكرار قاراشتىن يوقالماسمۇ كۆزۈڭ نۇرى،
قىلىپ قەلبىڭنى قامال،سالار ھەتتا ھەر كويلارغا.

     





82 قېتىم كۆرۈلدى dilyar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-20 23:11:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ