​ بۈگۈن سەنسىز يەتتىنچى كۈنۈم - مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)  

 بۈگۈن سەنسىز يەتتىنچى كۈنۈم
 
مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)
 
مەن ھۇجرامدا
...
چىرايىمدەك ئىپادىسىز
جانسىز تامدا
ياغاچ سائەت قوپال چىكىلدايدۇ.
مىنى قورشىغان...
كەيىپ ئادەمنىڭ قولاشمىغان گېپىدەك،
ئەبجەش تۇيغۇدىن ئويغاتماق بولۇپ.
...
ئەمما مەن ئويغانمايمەن،
ئويغىنالمايمەن،
ئويغانغۇممۇ يوق.
چۈنكى
مىنى قورشاپ بولۇپ،
ئۆزىمۇ ماڭا ئوخشاپ قالغان.
ھېلىقى
ئەبگار تۇيغۇ كىتىشكە ئۇنىماي،
ئەسكى تېنىمدەك تۇرار سۆرۈلۈپ.
بەلكىم كىلىشىڭنى تۇيغاندۇ،
يا
ئۆزىنى شۇنداق بەزلەۋاتقاندۇ
...
چوڭلارنىڭ دىيىشچە
قۇشقاچ يىغلىسا ئۆلەرمىش،
ئادەم نانمۇ يىمەي سۇمۇ ئىچمىسە،
ئاران يەتتە كۈنلا ھايات يۈرەرمىش.
...
ئاپلا
تۇيغۇم ئېزىپ قېلىپ،
شۇ مۇدىھىش گەپلەرنى ئاڭلىۋېلىپ.
...
ياغاچ سائەت قوپال چىكىلدىماقتا...
مىڭ بىر جاپادا ئاخىر كەچ بولدى،
 يەنە چاقىرىشقا يىتەرمۇ ئۈنۈم...
...
بۈگۈن سەنسىز يەتتىنچى كۈنۈم .
 
12016-يىلى 1-ئۆكتەبىر (شەنبە) ئۈرۈمچى
     





158 قېتىم كۆرۈلدى pekir ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-6 22:24:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ