باھارىم
مەمەتجان سەمەت
كەلمەس بولۇپ كەتتى ئەجەپ باھارىم،
كەلمەسكىلا كەتكەنمىدۇ باھارىم.
يۈرەك باغرىم مۇزتاغ بولۇپ قاتتىغۇ،
بىر كېتىپلا كەلمىگەچكە باھارىم.
كۆرەلمىگەچ ئاشۇ ئىللىق باھارنى،
گۈل باغلىرىم غازان كەبى سارغايدى.
كۆكلىمەستىن قۇرۇپ شاخقا ئايلاندى،
بىر كېتىپلا كەلمىگەچكە باھارىم.
قالمىغاچقا ئۈششۈپ غۇنچىللىرىممۇ،
ئېچىلمىدى پەقەت بىر تال گۈلۈممۇ.
قونالمىدى سايراپ كەلگەن بۇلبۇلمۇ،
بىر كېتىپلا كەلمىگەچكە باھارىم.
بولۇپ قالدىم مانا ئەمدى گۈلى يوق،
شۇ سەۋەپتىن كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق.
كېچە كۈندۈز ھەسرەت چېكىپ ھالىم يوق،
بىر كېتىپلا كەلمىگەچكە باھارىم.
ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت نامسىز قىلماڭ
353 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-16 23:56:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|