تەنھا ياشاپ ئۆتەرمەن (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

تەنھا ياشاپ ئۆتەرمەن

مەمەتجان سەمەت


يۈزىدە ناز پەردىسى،
بولغان بىلەن ئەسلىدە.
يالغان سۆزلەپ جانانلار،
تۇرمايدىكەن ۋەدىستە.

ئەزىز كۆرسەم جېنىمدىن،
يۈز ئۆرىدى مېنىڭدىن.
ئايرىلمايمىز دېگەنتى،
يېنىۋېلىپ گېپىدىن.

شۇنچە كۆيسەم تاشلىدى،
كۆزلىرىمنى ياشلىدى.
شۇ سەۋەپتىن ئاھ ئۇرۇپ.
يۈرەكنى دەرىت قاپلىدى.

كۈلۈپ تۇرۇپ ئالدىمدا،
شېرىن سۆزنى باشلىسا.
يۈرۈپتىمەن ھۆرمەتلەپ،
بىلمەي تېخى ئالدىسا.

ئەمدى ھەرگىز كۆيمەيمەن،
گۈزەللەرنى سۆيمەيمەن.
بەك رەنجىتتى دىلىمنى،  
تەنھا ياشاپ ئۆتەرمەن.

ئاپتورى. مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : 308381500
ئاپتور ئىسمى بىلەت تارقىتىڭ نامسىز قاتقاتماڭ
     





349 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-23 4:25:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-20 19:55:25 سۆيگۈ قاتىلى.
بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بەك ياخشى ، يېزىلغان دېگەن مەنىسى چوڭقۇر.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ