ئەللەي ناخشىسى
مېھىرنىسا قۇربان
جان ئانامنىڭ ئەللەي ناخشىسى،
ئاڭلىنىدۇ ھەجەپ يېقىملىق.
جاراڭلايدۇ قۇلاق تۈۋىمدە،
مۇزىكىسىز شۇنچە رېتىملىق.
ئەللەي ئېيتىپ بەرگەندە ئانام،
كېتەتتىمغۇ تاتلىق ئۇيقۇغا،
غەمسىزلىكتە چۈشلەرنى كۆرۈپ،
چۆمۈلەتتىم شېرىن تۇيغۇغا.
ئانام ئېيتقان ئەللەي ناخشىنى،
قانماي كەلدىم قانچە ئاڭلىسام.
بولسا پۇرسەت ماڭا قايتىدىن،
بالىلىققا يەنە قايىتسام.
ئەللەي بالام ئەللەي دىگەندە،
گىرە سالغان ئانام بوينىغا.
ھىدلىرىنى پۇراپ قانمايتتىم،
سېڭىپ كەتكەن ئىللىق قوينىغا.
مەنمۇ ئېيتتىم ئەللەي ناخشىسى،
چوڭ قىلغۇچە ئوماق بالامنى،
ئەسلەپ ئۆتتۈم سېغىنىش بىلەن،
ئەللەيلىگەن ئەزىز ئانامنى.
ئانا ئېيتقان ئەللەي ناخشىسى،
ناخشلارنىڭ ئىسىل ياخشىسى.
قانمىغاندۇ ئەللەي ناخشىغا،
ماڭا ئوخشاش يەنە قانچىسى؟؟؟
2016-12-13 غۇلجا شەھىرى
42 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-13 17:10:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|