دېھقاننى كۆرگەندە سالام قىپ قوي
ياسىنجان كۈسەنى
دېھقاننىڭ دەستىدىن ياشنار ئېتىز-قىر،
قاراپ باق ھەممىسى دېھقان مېھنىتى.
قورساقلار توق بولدى،گاللار ياغلاشتى،
ھەممىسى جاپاكەش دېھقان ھىممىتى.
بولمىسا جاپاكەش دېھقان تاغىمىز،
ئۈچ ۋاخقا يەمتۇق بىز، كۈندە شېخل-تاش.
جاپاكەش دېھقاننىڭ مېھنىتى بىلەن،
قازانلار مايلاشتى بولدى بىزگە ئاش.
دېھقاننى كۆرگەندە سالاملار قىپ قوي،
ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئولۇغ ئىنسان.
ئېگىلىپ تۇرسىمۇ قەددى-قامىتى،
ھەممىگە سالام دەپ ئۆتمەكتە پىنھان.
| 65 قېتىم كۆرۈلدى | yasinjan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-15 19:04:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|