بەختڭنى تاپقىن

بەختڭنى تاپقىن


مۇھەممەت ئىمىن سەھرايى


ئەلچى كەپتىمىش بۈگۈن ئۆيۈڭگە،
سىنى مەندىن بىراۋ تالىشىپ.
ئۈمىدىنى ئۈزمەي داداڭدىن،
بىرىڭ دەپلا كۆزدە قارىشىپ.

سېپ بىرىپتىمىش ئاتاڭ تويلۇقنى،
ئالتۇننى ئاز سېلىپ قىزىم بىرەي دەپ.
تىگىپ باققىنا ئاشۇ سۇقچىغا،
خۇدايىم جاجاڭنى بىرەر بىركۈن خەپ.

سىنى دەپ ئۆتكۈزسەم تالاي كىچىنى،
يىغلاپ چاقىرىپ سىنى ئۇيقۇسز.
ئاڭلاپ بۈگۈن ئۇشبۇ خەۋەرنى،
گاڭگىراپلا قالدىم چارىسز.

توي قىلغىن سەنمۇ جانىم پەرىشتەم،
سەندىن ئۆزگىنى ئالماي ئۆتەرمەن.
ئۇچرىشارمىز بىركۈن باقىدا،
كىلىشڭنى مەنمۇ كۈتەرمەن.

تىگىۋال مەيلى ئالاي دەپتىغۇ،
مەنمۇ بىرىنى تېپىپ ئالارمەن.
يات بىراۋغا بولساڭ تەئەللۇق،
ھەسرەتلەردە يۈرەك چالارمەن.

چاقىرغىن سەنمۇ قۇتلۇق تۇيۇڭغا،
گۈل دەستىدىن ئېلىپ بارىمەن.
كىراغىمۇ مەندە كوچەن يۇق،
پىيادە ئۈيۈڭگە مېڭىپ بارىمەن.

 

مۇبارەك بۇلسۇن ساڭا ئامرىغىم،
توي قىلىپلا بەختىڭنى تاپقىن.
كۆزلىرىمنى ياشلاپلا قالاي،
يات بىراۋغا باغرىڭنى ئاچقىن.

 

2015.8.17

خوتەن چىرىيە





253 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-18 9:15:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-18 10:52:01 azizam
kamlaxmigan xeirkan bu muxunimu yollidinglama
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ