دەردىڭدە (ناخشا تېكىستى)
جامالىدىن يۈسۈپ يانار
بايان ئەيلەي يارىم ، ساڭا ئەرزىمنى،
بىچارە مەن ھالىم خاراب دەردىڭدە.
سەندىن ئۆزگە كىمگە ئېيتاي ، دەردىمنى،
يارىيار دەپ ئۆلەر بولدۇم دەردىڭدە.
مەجنۇن كەبى ساڭا كۆيۈپ يۈرەرمەن،
بىلەلمىدىم ۋەسلىڭ ، قاچان يېتەرمەن.
ھەسرەت چەكتىم پىراقىڭدا ھىجراندا ،
قانلار يۈتۈپ ئۆتەر بولدۇم دەردىڭدە.
سېنى ساقلاپ قاچانغىچە كۈتەرمەن،
سۆيەلمىسەڭ كۆزلىرىڭدىن يۈتەرمەن.
شەھەرىڭدىن باشىم ئېلىپ كېتەرمەن،
ئۆزگە يارنى سۆيەر بولدۇم دەردىڭدا.
| 54 قېتىم كۆرۈلدى | جامالىدىن يۈسۈپ يانار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-15 0:18:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |