ئۈندىداردا يار تۇتماڭ
(ھەجۋىي شېئىر)
ئابدۇراخمان ئىبراھىم كورلا
يا كۈلەيمۇ يىغلايمۇ بۇ كۆڭۈلنىڭ ھالىغا،
بەزەن ئوخشاپ قالىدۇ خۇددى كىچىك بالىغا.
«ئۈندىداردا يار تۇتۇپ،دوستۇم سۆزىنى ئۇنتۇپ.
توۋا! راستلا ئۇچراشتىم،نىيەتلىرى ئالىغا.
لاتارىيەدىن چىققاندەك پەيدا بولۇپ سۆيگۈمدە.
ئەسلىمىلەر قالدۇرغان بۇ بىغۇبار كۆڭلۈمدە.
شېرىن سۆھبەت قۇرغانتۇق،خېلى ئۇزۇن يۈرگەنتۇق،
ئەپسۇس! دىلىدىن «چاقماقتەك ۋال قىلىپ يوقالدى»دە!
نادانكەنمەن ئەسلىدە، شۇ بىۋاپا ۋەسلىدە،
كۈننى تۈنگە ئۇلايتتىم سۆيگۈم باھار پەسلىدە.
تۈگىمەيتتى پاراڭلار،ئىدۇق خۇددى ساراڭلار،
شۇنداق يۈرۈپ بىر كۈنى، يۈرەكنى قىلدى زېدە.
شۇ كۈن ئۇچۇر تاشلاپتىم، دىل سۆزۈمنى باشلاپتىم.
ئۇچۇر پەقەت ماڭمىدى، تولا يوللاپ باش تارتتىم.
چۈشەندىم مەن ئاخىرى، بۇ ئىشلارنىڭ زاھىرى،
يۇيىۋېتىپتۇ سەۋەبسىز، دەرت ئۈستىگە دەرت تارتتىم.
تەكشۈردۈم مەن ئۆزۈمنى، پاراڭلاشقان سۆزۈمنى
چاتاق يوقكەن مېنىڭدە، ئۇ قىلماپتۇ يۈزۈمنى.
سۆيگۈم بوپتۇ بىر تىيىن، ئەمدى مەن بۇندىن كېيىن،
«ئۈندىداردا يار تۇتماي» دەپ بېكىتتىم تۈزۈمنى.
ئابدۇراخمان ئىبراھىم.
ئاپتور ئەجىرگە ھۆرمەت قىلىڭ.قالايمىقان ئۆزگەرتمەڭ.
ئۈندىدار نومۇرى:13899022303
139 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇراھمان ئىبىراھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-12 17:27:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|