مەنىلىك - غەزەل
ئەرشىدىن مەخمۇت ئەرش
ئەل ئۈچۈن جەڭ -چېلىشلار قىلىپ ئۆتمەك مەنىلىك،
ئىلىم ئىرپان قوغلىشىپ، بىلىم ئالماق مەنلىك.
چەكمەي تۇرۇپ رىيازەت قولغا كەلمەس ھېچ ئۇتۇق،
غەلبە ئۈچۈن بۇ جاننى تىكىپ ئۆتمەك مەنىلىك.
بىزنىڭ قۇچقان غەلبىمىز مەنسۇپ ۋەتەن خەلققە،
خەلقنىڭ دەرت -ھالىغا يېتىپ ئۆتمەك مەنىلىك.
ۋەتەن خەلق بىزنىڭكى بارلىقىمىز بەختىمىز،
ئۇلار ئۈچۈن مۇشەققەت چېكىپ ئۆتمەك مەنىلىك.
بەخت ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ غىمىدە،
سائادەتنىڭ كۆچىتىى تىكىپ ئۆتمەك مەنلىك.
ئەلنىڭ چاقنىغان قۇياشى قەيسەر باتۇرى،
ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ ئۆتمەك مەنلىك.
2016,10,16
45 قېتىم كۆرۈلدى | arxidin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-16 22:42:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|