ئەسلى ئوتى ياخشىنىڭ يامان - زىلۋاڭى

ئەسلى ئوتى ياخشىنىڭ يامان 

م : زىلۋاڭى


ئوتى يامان دەيدۇ ئەسكىنىڭ، 
ياخشىلارنىڭ ئوتى يوقمىدۇ.
چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىپ ياكى، 
كۆيگەنلەرنىڭ كۆڭلى توقمىدۇ.

ئوتى يامان ئەسكىنىڭ دەپلا، 
ھەممە ئەسكى بۇلۇپ كەتسۇنمۇ.
يوق بولغاندەك ياخشىنىڭ قەدرى، 
ئاقكۆڭۈللەر ئازاپ چەكسۇنمۇ.

ئوتى يامان دىسە ئەسكىنىڭ، 
راست ئوخشايدۇ دەپ كەتمەڭ ئۇنى.
كۆپ پۇشايمان قىلىپ قالىدۇ، 
ئۇچراتقاندا راستلا ياخشىنى.

ئوتى يامان ئاشۇ ئەسكىلەر، 
يىتەلمەيدۇ ھەرگىز ياخشىغا.
ئەخلەت لەيلەپ چىقار ئۇستىگە، 
گۇھەر چۆكۈپ تۇرار ئاستىغا.

مىڭ ياخشىدۇر ياماندىن ياخشى، 
ئەسكى بۇلۇپ يۇرمەڭلار ھەرگىز.
ئوتى يامان بولسىمۇ ئەسكى ،
ياخشىنى دەپ كۆز ياش تۆكەرسىز.

دەردى كۆپتۇر ئەسكى دىگەننىڭ ،
ئەسلى ئوتى ياخشىنىڭ يامان .
مودا بولۇپ قالسا بىر ناخشا،
ھېچ ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدۇ جاھان.


تىۋىپ مۇھەممەدئىمىن ئابدۇخالىق

ئۇندىدار 18999058343
ئەجرىمگە ھۆرمەت قىلىپ نامسىز قويماڭ
2016-12-13
     





353 قېتىم كۆرۈلدى zilwangi ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-14 12:05:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-26 1:27:16 zilwangi
ھەممىڭلارغا رەھمەت
2016-12-18 15:42:46 ئايىمگۈل
بەك ياخشى يېزىپسىز
2016-12-18 9:29:49 ئايسۇلۇ
بەك ياخشى يىزىپتۇ قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن …
2016-12-17 22:33:52 خۇشداۋا
ياخشى يېزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ