توزىغان چېچەك (شېئىر) - ئەسقەر قۇربان ئىقبال

توزىغان چىچەك
ئەسقەر قۇربان ئىقبال

چىچەكلىك باغلاردىن ئىزلىدى سېنى ،
خوشپۇراق ھېدلارغا تەشنا بۇ قەلبىم .
بىراق ئۇ تاپالماي تۇنۇش ھېدلارنى
تېڭىرقاش ئىچىدە قالدىغۇ سۆيگۈم .

چىچەكلىك باغلاردىن ئىزلىدى سېنى ،
كەتتىڭسەن قاياققا يۇقالدى ھىدىڭ ،
شاخلارنىڭ ئۈستىدە قاپتۇ مۇڭ ھەسرەت
ھېدلارغا قوشۇلۇپ كېتىپتۇ ھىدىڭ.

چىچەكلىك باغلاردىن ئىزلىدى سېنى ،
چىھرىڭدە يوق ئەمدى تاتلىق بىر كۈلۈش .
يىرتىلدى سۆيگۈنىڭ تۇنجى بەتلىرى،
قاپلىدى يۈرەكنى ھەسرەت ئۆكۈنۈش .

جېجياڭ _خۇجو
2016.5.1
     





90 قېتىم كۆرۈلدى ikbal ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 23:35:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-10 3:05:41 吐尔逊古力
写得真好
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ