ئەپسۇس (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 ئەپسۇس
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)

سۆيدۈم دىسە ئىشەندىم ئالدىنىپ،
ئەسلى ئىكەنغۇ ساختا ھەممىسى،
ئۇچۇپ كەلسە تاتلىقىم قېنى دەپ،
كەتكەي،قالدۇراركەن قەلب يارىسى.

سۆيدۈم دىسە ئىشەندىم ئالدىنىپ،
ئەسلى ئىكەنغۇ شەيتان بالىسى،
شىرىن سۆزلەر قىلسا نازلىنىپ،
يالغان،خۇددى تۈلكە جورىىسى.

سۆيدۈم دىسە ئىشەندىم ئالدىنىپ،
ئەسلى ئىكەنغۇ تەمبۇر تارىسى،
جاننى ئالار ئىكەن نايناقشىپ،
بىلدىم،تەييارلا ئىكەن پالتىسى.

سۆيدۈم دىسە ئىشەندىم ئالدىنىپ،
ئەسلى ئىكەنغۇ ئازغۇن ئەلچىسى،
قىلسا يالغاندىن قەسەم،ئىشىنىپ،
توۋا،قالتىس ئىكەنغۇ چارىسى.

سۆيدۈم دىسە ئىشەندىم ئالدىنىپ،
ئەسلى ئىكەنغۇ نەيرەڭ ھىلىسى،
سىقىلدى يۈرەك،ھەجەپ تولغۇنۇپ،
ئېسىت،نەدىن تاپۇرمەن دورىسى.

سۆيدۈم دىسە ئىشەندىم ئالدىنىپ،
ئەسلى ئىكەنغۇ يانچۇق ئوغرىسى،
مەڭگۈ سېنىڭ دەپ ۋەدىلەر قىلىپ،
ئەپسۇس،يۈتكىنە،ئۇنۇتقىن مېنى.
     





158 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان(كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 12:01:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ