ئادەملەر (شېئىر) - تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى

ئادەملەر
تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى

بۇ دۇنيادا خىلمۇخىل ياشايدىكەن ئادەملەر،
بىرنى ماختاپ بىرسىنى قاسايدىكەن ئادەملەر.
بىرسى ئالسا پەن بىلىم ئىجتىھاتتا تىرىشىپ،
بىرسى بولسا ئۆزىنى ياسايدىكەن ئادەملەر.

بىرسى ئەلگە شېرىن تەم بېرىدىكەن ئەجرىدىن،
بىرسى بولسام «مەنلا» دەپ ئۆتىدىكەن ئادەملەر.
بىرسى تۆكسە تەرىنى مېھنەت بىلەن ئەل ئۈچۈن،
بىرسى بولسا نىشانسىز كېتىدىكەن ئادەملەر.

ئويلاپ قالدىم بۇ ھايات سەھنەدۇركەن مىسالى،
ئارتىس ئوخشاش ھەر رولغا چىقىدىكەن ئادەملەر.
سەلبىي رولىغا چاۋاك سىز چىققان بىلەن پېرسوناژ،
ئىجابىي بولۇپ ھەر كىمگە ياقىدىكەن ئادەملەر.

ئاپتور غۇلجا شەھەر بايانداي بازىرىدىن





103 قېتىم كۆرۈلدى maxali1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 7:57:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ