باراي دىسەم تۇققانلار
ئىسمايلجان ئابلەت
باراي دىسەم تۇققانلار سىنى ئىزدەپ ئۆيۈڭگە ،
ھالىڭ قانداق ئۆتىدۇ باقاي سىنىڭ سۆزۈڭگە .
بىراق تۇرمۇش ئالدىراش ئىكەن مىنىڭ ئۆيۈمدە ،
ئەھۋالىڭىنى مەن ئۇقۇپ باراي دىسەم تۇققانلار .
بىر ئاندىن تۇغۇلغان بىز قىرىنداش يەتتىمىز ،
يەتتە كۈندەك تۇغۇلغان قاتار-قاتار ھەممىمىز .
جاپا تارتىپ باققانتى بىزنى ئاتا- ئانىمىز،
سىنى خوشال بىر قىلىپ باراي دىسەم تۇققانلار .
بىشڭغا كۈن چۈشكەندە بارلىمسام يىنڭغا ،
بەكمۇ ئازاپلىنمەن قىلالىمغان ئىشمغا ،
رەنجىمگىن قىرىنداش يىتەلىمدىم ھالىڭغا .
ئامالنى مەن قىلىپ باراي دىسەم تۇققانلار .
بىر تۇرمۇشتا مىڭ خىل دەرت بار ئىكەنغۇ تۇققانلار ،
جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق ئىكەنغۇ تۇققانلار .
بۆسۈپ ئۆتۈپ جاپادىن خوشال-خورام بولغاندا ،
دەرتلىرىڭگە داۋا بولۇپ باراي دىسەم تۇققانلار .
ئۆتۈپ كىتەر بۇ كۈنلەر ياخشى كۈنلەر كىلىپ قالار ،
تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە تىلگىنىم بولۇپ قالار .
رەنجىپ قاخشاش نە ھاجەت ئۆتكۈنچە بۇ ئالەمدە ،
دەرتلىرىڭگە داۋا بوپ ئەمدى باراي تۇققانلار .
2016-يىلى
| 273 قېتىم كۆرۈلدى | uqkun0999 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-16 10:47:16 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|