پەرىدە
مەمەتجان سەمەت
كىتەر بولدۇڭ ئوقۇشقا،
سەن نىگارىم پەرىدە،
ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپتۇر.
دىلدا بارىم پەرىدە.
زەپەر قۇچۇپ كەلگىن تىز.
خۇشال قىلىپ مېنى بىر،
لەۋلىرىمدە قالدى ئىز.
يۈرەك باغرىم پەرىدە.
ئۈمۈدۈمنى يوق قىلما،
ئالداپ يالغان سۆز قىلما.
ۋەدىلەرنى ئۇنۇتما،
جانى جانىم پەرىدە.
بۇ قەلبىمگە ئوت سالغان،
يولتۇز كەبى چاقنىغان.
زىمىستاننى ياز قىلغان،
گۈل باھارىم پەرىدە.
ئىشقى ئوتۇڭ ئۆچمەيدۇ
باشقا يارغا كۆچمەيدۇ،
سەنسىز كۈنۈم ئۆتمەيدۇ
دىل ئارامىم پەرىدە.
يىتىپ ئارزۇ ئارمانغا،
بېسىپ قاناي باغرىمغا.
قويما ھەركىز ئارماندا،
گۈزەل يارىم پەرىدە.
ئاپتورى. مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار. چ چ. 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلمەڭ
196 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-20 0:52:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|