ئەركەك بىز (شېئىر) - يامغۇر

 ئەركەك بىز

 *يامغۇر *

زامانىسىدا ئات چاپتۇرۇپ،زېمىننى ئەگدۈرگەن ئەركەك بىز،
نى گۈزەللەر قەلبىدە ئوتلار يېقىپ يۈرگەن ئەركەك بىز.
ئات ئۈستىدە ئېگىلمەستىن ئولتۇرۇپ قوپقان،
قىلىچ ئوينىتىپ زېمىننى تىترىتىپ يۈرگەن ئەركەك بىز.

ئەمدى بولدۇق ئويۇن ئۈچۈن ئاتالغان ئەركەك بىز،
ھاراق تاماكا ئۈچۈن قۇسۇق يالغان ئەركەك بىز.
غۇرۇردا سورىغان ئەر ئايالغا ھۆرپىيىپ،
ھاراق ئۈچۈن تىزلىنىپ ئولتۇرغان ئەركەك بىز.

قېنى بىزدىكى ۋىجدان دېسە مۈكچىيىپ،
تاماكىنى تارتىپ يۈرگەن ئەركەك بىز.
ئۆچىمىزنىڭ قىز ئاياللىرىمىزدىن ئېلىپ،
دەتكە پاتتىم دەپ ئوينىغان ئەركەك بىز.

قوپ ئەركەك بۇ سېنىڭ ھالىڭ ئەمەستۇر،
ياتقان بىلەن ساڭا كەلگىنى نەستۇر.
شۇ ئويۇننى قايرىپ قويۇپ تىرىشىپ ئۆگەن،
بىزگە مىراس قالغىنى ئويۇن تاماشا ئەمەستۇر.


2016.12.19(غۇلجا )
QQ2636353646
(ئەسكەر تىش :بۇ شېئىرنى جەمىيەتتىكى بىر  قىسىم. قىرىنداشلىرىمىز غا يازدىم ،قىرىنداشلىرىمىزنىڭ  توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن)
     





57 قېتىم كۆرۈلدى yamhur ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-21 9:48:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ