سەككىزىنچى مارت
يۈسۈپجان ئىسمايىل قاراتېكىن
سەككىزىنچى مارت
بىر ۋاقىتتا تۇتۇپ تولغىقى
توققۇز قىزنىڭ ئەمەس
توقسان مىڭ قىزنىڭ،
چىكاگودا ئىڭراپ ئامېرىكا
تۇغدى بارلىق ئايالنى قايتا،
ئەرلەر بىلەن باراۋەر قىلىپ…
سەككىزىنچى مارت
كۆز يېشىدا يۇيۇپ ئاسماننى
پەيلاسوپتەك كۆزىتەر جاھان
بىر مۇستەبىتكە خوتۇن بولغان خان…
سەككىزىنچى مارت
رېستوراندا قىلار نامايىش
ئەركىنلىكتىن مەست بولغان ئايال،
ئەيش-ئىشرەت،ھاراق،قىمارنى
تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئەرلەردىن…
سەككىزىنچى مارت
كۈلەر بىر ئايال
ئېھتىمال يىغلىتىپ يەنە بىر ئەرنى،
يىغلار يەنە بىر پاتمان ئايال
تاپالماي ئادالەت چاقنىغان يەرنى…
سەككىزىنچى مارت
جەننەتكە شەيتاننى ئېپ كىرگەن يىلان،
قويرۇقى دوزاختا قالغان پىلدىرلاپ.
بېشىدا كۆتۈرگەن ئىبلىس ساقىنى
بىر قەدەھ زەھەر بار تۇرغان لىغىرلاپ.
يىلاندىن قۇترىغان مۆھتەرەم ئايال
بايراملىق كىيىنىپ كېتەر
غىۋىرلاپ،غىلجىڭلاپ ،غىلدىرلاپ
ئەركىنلىكنىڭ باياۋانىغا…
223 قېتىم كۆرۈلدى | يۈسۈپجان ئىسمايىل قاراتېكىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-4 15:25:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|