مېنى ساقلا
ئابدۇۋەلى سەمەت
مېنى ساقلا ،سېغىنىش بىلەن،
تەس كەلسىمۇ يوقلۇغۇم ساڭا.
گۈزەل كۈنلەر كۈتمەكتە ھامان،
مەن قايتىمەن چوقۇم يېنىڭغا.
مېنى ساقلا،سېغىنىش بىلەن،
جۇت-شىۋىرغان چىقسىمۇ ھەتتا.
كېلىپ ۋىسال پەيتى بىر زامان،
جۈپ يۈرەكلەر تېپىشار قايتا.
مېنى ساقلا،سېغىنىش بىلەن،
سىم-سىم يامغۇر ياغقان ئاشۇ كۈن.
ئىشەنچىڭنى يوقاتما ھەرگىز،
پىغان بىلەن ئۆتسە تالاي تۈن.
مېنى ساقلا،سېغىنىش بىلەن،
يوللۇرۇمغا باققىن ئنتىزار.
كەچكۈز كېلىپ تۆكۆلۈپ ياپراق.
جاھان تۈگەل باسسىمۇ ئاق قار.
مېنى ساقلا،سېغىنىش بىلەن،
پەسلى باھار كىتپ قالسىمۇ.
ئۈمۈدۈڭنى ئۈزمە ئالدىراپ،
مېنى ساقلا كۆزۇڭ تالسىمۇ.
مېنى ساقلا، سېغىنىش بىلەن،
ۋاز كەچمىگىن مېنىڭدىن زىنھار.
كەتسەم ئەگەر بەكمۇ كېچىىكىپ،
ساقلاشلاردىن بولمىغىن بىزار.
مېنى ساقلا،سېغىنىش بىلەن.
غېربسىنپ تۆكسەڭمۇ كۆز ياش.
سۈرىتىمدن تاپقىن تەسەللىي،
بارچە غەمگە بەرگىن زور بەرداش.
مېنى ساقلا،سېغىنىش بىلەن،
قىينىسىمۇ ھىجرانلىق ئازاپ.
بارچە ۋاپا-ساداقىتىڭگە،
سۆيگۈم بىلەن بېرىمەن جاۋاپ.
63 قېتىم كۆرۈلدى | abduwali | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-9 3:27:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|