كەچۈرگىن يار ئەمدى سېنى سۆيمەيمەن
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
سۆيگەنىدىڭ مەندىن كىچىپ باشقىنى ،
كەچۈرگىن يار ئەمدى سېنى سۆيمەيمەن !
"قۇغلاشقانتىڭ بۇركۈت تۇرۇپ پاشىنى "
كەچۈگىن يار ئەمدى سېنى سۆيمەيمەن !
دۈم چۈشكەنچە بايلىق كەبى شەيتانغا ،
ئۇخشاپ قالدىڭ ئادەم تۇرۇپ ھايۋانغا
"ئېسىلساڭمۇ پاك كۆرىنىپ ئارقانغا "
كەچۇرگىن يار ئەمدى سېنى سۆيمەيمەن !
سالغان جاپاڭ كۆپتۇر قويقا چېچىمدىن ،
تۇتۇلدى كۆز بىزار بولۇپ يىشىمدىن .
"يەپ يۇرسەڭمۇ تۇقاچ ئۆرۈپ بىشىمدىن "
كەچۈرگىن يار ئەمدى سېنى سۆيمەيمەن !
باشقا بالا بولۇپ قالدى پەسلىكىڭ ،
يەتمىگەندەك يەنە جاننى قەسلىدىڭ .
نۆلگە تەڭدۇر ئەمدى مېنى ئەسلىشىڭ ،
كەچۈرگىن يار ئەمدى سېنى سۆيمەيمەن !
كەچتىم سەندىن يۇقنى ئەمەس بارنى دەپ !
پاك ۋېجدانىم ، نۇمۇسۇمنى -ئارنى دەپ !
زۆھرە كەبى شۇ ۋاپادار يارنى دەپ !
كەچۇرگىن يار ئەمدى سېنى سۆيمەيمەن !
| 64 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-15 18:53:38 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|