23-نىڭ ئاخىرلىشىشى - سەيپىدىن ئامۇت

23-نىڭ ئاخىرلىشىشى

سەيپىدىن ئامۇت
(24ياشقا ئىزلانغان خاتىرە سىزىقىغا بېغىشلايمەن)

شەرقتىن سۆزلىدى ئاۋالقىدەكلا،
غەرىپكە ئاتلانغان ئېچىرقاق قۇياش.
رەڭگىدۇر ئۆز پېتى ئىشقى قاراڭغۇ،
كۆزلەرنىڭ ئېرىقى شىلىدىرلاتتى ياش.

ئازاپنىڭ شېخىدا مېۋىلدى ئۆكسۈش،
قېقىلىپ چۈشۈشتىن خېلىلا يېراق.
يۇشۇرۇن گۇگۇمنىڭ بارماقلىرىدا،
ئۇۋۇلدى،چۇۋۇلدى، ئۆچمەس شام-چىراق.

يېغلايدۇ چەكسزلىك قاتتىق ئىسەدەپ،
ۋاقىتسز ئۆتۈلگەن قارام يىللاردىن.
ئەپسۇسنىڭ ئاۋازى يۈرەر ھومسىيىپ،
بىر دالدا ئىستەيدۇ جېنىمدۇر مەندىن.

كۆرۈنمەس كەچمىشكە تۇتۇلدۇم بۈگۈن،
ھىجراننىڭ چاپلاشقاق تەنلىرى ئارا.
سۇلاشقان خىياللار ئۆلدى جېنىدىن،
يالىڭاچ ئاھىمدا غايەت زور ئەزا.

ھېچكىمگە «ھېچنىمە» ئېيتقۇسىز يەردە،
23 يېشىم 23 دار.!
ھېچقاچان «ھېچنىمە» بىلگۈچى سۆيگۈ،
23 يېشىم 23 يار.!

24 بولۇپ باشلانماقتىمەن،
ئۆزۈمنى بېرىشتۇر مېنى بېغىشلاپ.
24 كۈچنىڭ غۇنچىسى يۈرەك،
مەن يەنە بىمەزگىل بېرىمەن ياشاپ.

24 يەنە كارۋاننىڭ ئىسمى،
24 قىسمەت داۋاندۇر، داۋان.
بۇ ياشاش شەرتلىرى قۇملاردىن تولا،
يا ئاللاھ! ئاداكەش قىلغايسەن تامان.


2016.11.28نويابىر
     





97 قېتىم كۆرۈلدى kargul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-20 1:33:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ