قىل ئېھتىيات-سەۋدا

 قىل ئېھتىيات
(سەۋدا)

مۆرەڭگە مۇشلاپ قويۇپ ھە ھە دېسە،
سەن ئېسىل ،سەن بەك يامان نوچى دېسە.
بىرگە ماڭ مەندە با جىق  پايدا دېسە،
ئېيتقان سۆزى يالغان ئېرۇر، قىل ئېھتىيات.

كۈلۈپ تۇرسا ھەردائىما خوش خوش دېگەچ،
قورقماي يېسە ھارام دېگەن يامان دېگەچ.
ئۇلار ھېچ چاغ يالغان ئېيتىپ بولماس كېكەچ،
ئىككى يۈزلۈك ئالدامچىدۇر، قىل ئېھتىيات.

يىرتقۇچ ئۈچۈن  غىلاپلاردا  تۇرار خەنجەر،
چاياندىن يىراق قاچار  بولغاچ ئۇندا نەشتەر.
چاندۇرمايدۇ ،ئۆزۈڭ قانچە قىلساڭ ھەزەر،
ئىچى زەھەر ئىنسانلاردىن ،قىل ئېھتىيات.

سەكرىمەيدۇ ھاڭغا ھېچكىم ،خەندەك يامان،
قوپال سۆزدىن قوقۇپ بولماس كۈلكە يامان.
ئاغرىنىشنىڭ ھېچ ئورنى يوق ئادىل جاھان،
ھوشيار تۇرغىن ھەر ئىشىڭدا قىل ئېھتىيات.





85 قېتىم كۆرۈلدى sawda0903 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-2 1:06:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-4 19:45:26 رازىيە
تىرىشىڭ ،سىزگە ئىشىنىمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ