ئوغلۇمغا (شېئىر) - مۇھەممەت رىشات

ئوغلۇمغا

مۇھەممەت رىشات دىلقۇت


خوش قىلىپ كەلدىڭ بالام دۇنيارىمىغا،
ئىزىمىنى ئۆچمسۇن دەپ ئۇزۇن يولدا.
رەنىجىمە جاپالاردا چنىقتۇرسام،
ئارمىنىم خار بولىمىغىن  يات ئالدىدا.

يىقىلساڭ  تۇرغىن دەيمەن يۆلىمەيمەن،
توپىغا كۆمۈلسەڭمۇ پۈۋىلمەيمەن.
مۇستەقىل ياشا ئوغلۇم باتۇر شىردەك،
ئورنۇڭدىن تۇرمىغىچە كۈلەلمەيمەن.

كۈچسز دەپ بوزەك قىلما ئاجىزلارنى،
كۈچلۈك دەپ قورقۇپ كەتمە قاۋانلارنى.
توغرا يول مەنزلىڭىدىن قايتما زنىھار،
قالدۇرغىن ئاستىڭىداتاغ- داۋانلارنى.

ئاشق بول بىلم دىگەن گۈزەل يارغا،
ئاسىمەن دەپ كەلسمۇ سنى دارغا.
ۋاپاسز مىڭ گۈزەلدىن  مىڭ ياخشراق،
قىينالساڭ تاشلمايدۇ كىلەر كارغا.

كۆزيۇمسام ئەجەل يىتىپ بىركۈنلەردە،
ئاھ ئۇرما يالغۇز مەن دەپ بىر تۈنلەردە.
ئەر ئۈچۈن ئەل ۋەتەن تاغدەك يۆلەك،
باتۇرغا ئالىقىش ياڭرار تۈمەن ئۈندە.

2017.4.10
     





31 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەت رىشات دىلقۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-14 9:08:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ