بېقىۋالغان بولسامچۇ ئانا
(مۇخەممەس)
مېھىرنىسا قۇربان
كېتىپ قالدىڭ مەندىن ئايرىلىپ،
ئۇچالمىدىم قانات قايرىلىپ،
ئۆتمەكتىمەن يىغلاپ زارلىنىپ،
باغرىم قانماي قالدىم يارلىنىپ،
بېقىۋالغان بولسامچۇ ئانا.
ئالالمىغان كۆڭلۈڭنى ئۇتۇپ،
كەتتىڭ ئانا دۇنيادىن يۈتۈپ،
ئاغرىغاندا پۇت-قولۇڭ تۇتۇپ،
ئەمدى قالدىم ھەسرەتكە تولۇپ،
بېقىۋالغان بولسامچۇ ئانا.
دەپتىكەنمەن بىللە ياشايمەن،
رازى قىلىپ گۈللەر تاقايمەن،
ئەمدى سەن يوق كۈندە يىغلايمەن،
ئانا سېنى شۇنچە ئويلايمەن،
بېقىۋالغان بولسامچۇ ئانا.
باققان ئىدىڭ مېنى پەپىلەپ،
غەمسىز ئىدىم ساڭا ئەركىلەپ،
ئەتىراپىڭدا كۈندە چۆرگىلەپ،
يۈزلىرىڭگە يۈزۈمنى سۈركەپ،
بېقىۋالغان بولسامچۇ ئانا.
ئۆتكەن ئىدى ئۆمرۈڭ مەن ئۈچۈن،
قىلدىم نىمە ئانا سەن ئۈچۈن؟
ئاتاپ ساڭا بارىمنى پۈتۈن،
چىقتى مانا بېشىمدىن تۈتۈن،
بېقىۋالغان بولسامچۇ ئانا.
قىلىپ دائىم سېنىڭ ئىشىڭنى،
يۇيۇپ تاراپ كۈمۈش چىچىڭنى،
تەملىك قىلىپ ئېتىپ ئېشىڭنى،
باھار قىلىپ جۇدۇن قىشىڭنى،
بېقىۋالغان بولسامچۇ ئانا.
جېنىم ئانا سېنى باغاشلاپ،
بارماپتىمەن ئىشىمنى تاشلاپ،
ئىزلىرىڭدا ئۆزۈمنى ئاشلاپ،
مەندىن كۈتكەن ئۈمىدنى ئاقلاپ،
بېقىۋالغان بولسامچۇ ئانا.
پەرزەنتىلىك مېھرىمنى بېرىپ،
سەن ئۈچۈنلا گۈللەرنى تېرىپ،
قىلىپ خىزمەت كەتسەممۇ ھېرىپ،
كىرەك بولسا يۈرەكنى يېرىپ،
بېقىۋالغان بولسامچۇ ئانا.
ئەجىرىڭگە قايتۇرۇپ جاۋاب،
ئاپىرىپ ھەم ھەجىگە تاۋاپ،
دۇئالاردىن ئېلىپ مەن ساۋاپ،
ئايرىلمايلا يېنىڭدا قاراپ،
بېقىۋالغان بولسامچۇ ئانا.
2016-9-24 غۇلجا شەھىرى
57 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-24 20:35:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|