ئامالسىز كۆڭۈل
(ئابابەكرى ئىزگۈ )
دوست بۇرادەر كۆڭلىنى ئاياپ ،
يالتايدىمغۇ ھەقنىڭ يۇلىدىن .
ئۆزگىلەرگە ئۆزۈمنى ئاتاپ ،
ھەتتا قايتتىم ئارزۇ يۇلۇمدىن .
كۈنلەر ئۆتتى چۈشكۈن ئىچرە ،
ھەم كۆرەلمەي ئۈمىد نۇرىنى .
گۇناھۋازلىققا باغلىغاچ گىرە،
ئۇنتۇپ كەتتىم ئاتام سۆزىنى .
ئەمدى مەندە يۇقالدى ۋىجدان ،
ئادەملىكتە ھەم يوق بىر ئىزنا .
ھاياتىم گۈلشىنى ئايلاندى خازان،
بوينۇمدا بولغاچ گۇناھتىن سرتما.
ھەممىنىڭ سەۋەبى گۇناھكار كۆڭۈل ،
ئايىغاچ يېقىن دەپ مەرەز كۆڭۈلنى .
ئۇ كۆڭۈل يات ئىدى ۋاپادىن تۈگۈل ،
قانداق رەت قىلاي ئۇشبۇ كۆڭۈلنى .
2016-يىلى 13-سنتەبىر
ئۈرۈمچى
| 31 قېتىم كۆرۈلدى | uygur017 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-15 0:46:51 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|