قۇت مۇبارەك ئاتمىش يىللىق تويۇڭغا
--ياسىنجان مۇھەممەت
( ئانا مەكتىپىم شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرستىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىغا بىغىشلايمەن )
گۈللەر تىزاي شۇ مۇبارەك بويۇڭغا ،
ھەر قەدەمدە گۈل ئىچىلغان يولۇڭغا ·
ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر ماكانى ،
قۇت مۇبارەك ئاتمىش يىللىق تويۇڭغا ·
بەردىڭ سەن بىزلەرگە ھىممەت ،جاسارەت ،
ئۆگەتتىڭ ھەممىگە ئادىمى قىممەت ·
سۆيگۈگە باي، قوينى ئىللىق ئەي جەننەت ،
قۇت مۇبارەك ئاتمىش يىللىق تويۇڭغا ·
ئىزدىدىڭ تىنىمسىز ئاغرىققا داۋا ،
بىمارغا يىڭى جان قىلدىڭسەن ئاتا ·
ھەقىقى قىلدىڭسەن بۇرچۇڭنى ئادا ،
قۇت مۇبارەك ئاتمىش يىللىق تويۇڭغا .
سىنىڭدە يىتىلگەن ھەربىر ئىسىل ياش ،
قەلبىگە ئورنىغان ئەل ئۈچۈن ياشاش ·
شۇئارىڭ :"مىھنەتسىز ئۆزنى بىغىشلاش·"
قۇت مۇبارەك ئاتمىش يىللىق تويۇڭغا ·
توپلانغاچ سىنىڭدە ھەر ئىلىم ئەھلى ،
خۇش ھىدلار چاچماقتا تىبابەت پەسلى ·
ئىلگىرلە غەلبەڭدىن تاپما تەسەللى ،
قۇت مۇبارەك ئاتمىش يىللىق تويۇڭغا ·
سەن بەرگەن ئاشۇ ئاددى ئاق خالاتقا ،
مەسئۇليەت روھى سىڭگەن جان-ھاياتقا ،
ئوخشايسەن بىز ئۈچۈن رىغبەت قاناتقا،
قۇت مۇبارەك ئاتمىش يىللىق تويۇڭغا ·
قوينۇڭدا ئۈگەنگەچ ھىدايەت بىلىم ،
ياشنايدۇ ھۇجۇدۇم، يايرايدۇ دىلىم ·
ئىلىملەر بۇلىقى ئانا مەكتىپىم،
قۇت مۇبارەك ئاتمىش يىللىق تويۇڭغا ·
2016-يىلى 15-ئۆكتەبىر
| 58 قېتىم كۆرۈلدى | ياسىنجان مۇھەممەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-16 1:52:13 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|