ئۈلپەتلەر (شېئىر) - ئوسمان ئابدۇللا

 ‏ئۈلپەتلەر

 ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)

مائاشمنى ئالساممۇ ئاينىڭ بىشىدا،
ئالىمىدىم دەپتىمەن دوسلار قشىدا.
سەن ساقى،قاۋاقتا كۆرشەيلى دەپ،
تۇرغاچقا  ئۈلپەتلەر ئىچىغ بىشىدا.

يالغاننى ئيتتىميۇ،ئاقىمدى بۇ گەپ،
ئۈلپەتلەر ئالدىدا كۆزۈم چاندۇرۇپ .
ئۇلارمۇ ساھپخان بولوپ نەچچە رەت،
شىر قىلغان شاراپقا مىنى قاندۇرۇپ.

ئۇلارنىڭ  ئالدىدا ناماقۇل بولوپ ،
ئەپۇغا داسىتخان سالدىم قاۋاقتا.
يالغاننڭ ئانسنى ئالىدۇ مەي دەپ،
تاش قايچا ئويندۇق،مەيدە شاراپتا،

قىزىدى سورونمۇ، ئۈزۈلىمەي كۈلگە،
رومكدا كىم يولۋاس،كىم بولدى تۇلكە.
زاباي ھەم مەرگەننى ئايېرىغان قۇلاق،
ئوخشاپتۇ ھەشقىپچەك ئاينغان گۈلگە.

شىركەيپ،بارچىمىز قۇرۇق پو ئىتىپ،
قاپتىمەن قاۋاقىتا، ئۈلپەتلەر كىتىپ .
كەم دەيدۇ مەيپۇرۇش يەتمشكوي يەنە،
رازى قىپ قايتتىمەن سائەتنى ستىپ.

خوششە! دەپ قولۇمغا ئالسام رۇمكىنى،
ھەممسى سخى،مەرىت،باي ديېشەر منى.
مەستلكتە يقلسام دەسسەپ ئۆتۆشكەن،
قىيامەتلك دوس دىگەن ئۈلپەتلەر قىنى.

قاۋاقتن چققان چاغ،تۈن يىرىم كىچە،
ئاتما تاڭ ، يورىما، مائاش كەلگچە.
ئلتېجاغا توختارمۇ؟،تۇرمۇش غەملىرى،
ۋابالىغا تىللدىم،ئۈلپەت يوقال ئۆلگچە.

ئشىقىمۇ ناشتىسىز باردىممەن يۇچۇن،
ئۆيۈمنىڭ تۆت تىمىدىن ئۇچىدۇ قۇيۇن.
خوتۇنىغا يالغاننىى ئىېيتپ يەتكۈچە،
غىلجاڭشىپ ئالدىدا قستىممەن بويۇن.

ئۆتۈپتۇ مۇشۇنداق،تىخى ئونبەش كۈن،
بىر ئاينى ئوتتۇز كۈن دەپ ھساپلسام،
ياشايمەن ئادەمدەك،ئەركەكتەك ئەمدى،
بولمدى ئۈلپەتتن ئەمدى يراق قاچمسام.

خەپ،ئۈلپەتنىڭ ئانسى،ئۆلسۈن قاۋاقتا،
بالسى يېتمەك،خارلنپ جىمسۇن يالاقتا.
زاباي ھەم مەرگەن دەپ ئايېرشما ئەمدى،
ئەركەكنىڭ ساپ ئەرلىكى ئەمەس قۇلاقتا.

 2017-يىلى 15-ئاپىرىل (قارىتاغىز)
 





77 قېتىم كۆرۈلدى ئوسمان ئابدۇللا ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-15 22:47:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ