ھەسرەت چېكىپ ئۆتتى بۇ تۈنلەر (شېئىر) - گۈلمىھرە ئابلىز

ھەسرەت چېكىپ ئۆتتى بۇ تۈنلەر

گۈلمىھرە ئابلىز

ھەسرەت چىكىپ ئۆتتى بو تۆنلەر،
يۆرەكلىرىم بولغاچقا يارا.
غايىپ بولدى غەيۇر سىماھىڭ،
سانسىز خىرە يولتوزلار ئارا.

ھەسرەت چىكىپ ئۆتتى بۇ تۆنلەر،
يۇللىرىڭغا تەلمۆرۆپ شو دەم.
نىگاھىمدا ئەكسىگىن بىر رەت،
قارچوقىمغا سىڭىپ كەت ئەركەم.

ھەسرەت چىكىپ ئۆتتى بو تۆنلەر،
جاننى قىيناپ ئۆنسىز سېغنىش.
خىيالىمدا ياشايسەن ھەر چاغ،
قاچان تۆگەر كۈتۈش، ئوھسىنىش.

ھەسرەت چىكىپ ئۆتتى بو تۆنلەر،
ئاتتى تاڭلار قانداق؟ بىلمەيمەن.
ئوتوڭ يامان ئىكەن ئامرىقىم،
سېغنىشتا كۆزۆم يوممايمەن...

ھەسرەت چىكىپ ئۆتتى بو تۆنلەر
ھەمراھ بولدى ھەسرىتىم ماڭا.
لىكىن ساڭا تىلەيمەن بەخت،
بەختىڭ بولسون،ماڭا نور زىياھ...

2017.3.9....چاپچال
     





165 قېتىم كۆرۈلدى yasinjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-10 21:36:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-12 20:30:18 رەشىدە ئابدۇخالىق رەۋشەندە
بەك ئىسىل چىقىپتۇ جىنىم سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ